باش بەت>يېزا ئىگىلىك

قوغۇن ­­پىچان دېھقانلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايىتتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-09-05 13:09:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

 

   مىجىت ئىبىرايىم خەۋەر قىلىدۇ:پىچان ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ،قوغۇن تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ،قوغۇن ئېتىزلىرىدا ئىلغار،يېڭى تېخنىكىلارنى كۆپلەپ ئومۇمىلاشتۇرغانلىقتىن،دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىپ ھەميېنىنى تومپايتتى.

    بۇ ناھىيە ‹‹ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش››ۋە‹‹قىشلىق پەن ـ تېخنىكايەتكۈزۈش››پائالىيىتى جەريانىداقوغۇن تېرىشقا ئائىت بىلىم،تېخنىكىلارنى پائال ئوموملاشتۇردى.قوغۇن تېرىشتا دالانكارىز،تۇيۇق،دىغاريېزىلىرىنى ئاساس قىلىپ مەلۇم كۆلەم شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىللە،قوش قەۋەت يالتىراق يېپىپ تېرىش ،پارنىكقا قوغۇن مايسىسىنى يىتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى سىناق قىلىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ،نۇقتا ئارقىلىق دائىرنى يىتەكلەپ،قوغۇننىڭ بازارغا سېلىنىش ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈردى.زىيانسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ،قوغۇنچى دېھقانلاردىن قوغۇننى مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش،خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئاز ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.پەن -تېخىنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پونكىتلىرى ئاساسى قاتلامغا ئەۋەتكەن تېخنىكىلار قوغۇن تېرىش، پەرۋىش ھالقىسىدا كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.ھەردەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكىمەت ئورۇنلىرى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتىنى ئامما رازى بولغان ئورۇن بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ ،سېتىش جەھەتتكى مۇلازىمەتنى ياخشىلىدى.نەتىجىدە پىچان دېھقانلىرى بۇيىل 47مىڭ مو يەردىكى قوغۇندىن 160مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى .