باش بەت>يېزا ئىگىلىك

دېھقانلار كەنتتىن چىقمايلا پىراۋا ئالىدىغان بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-12 16:59:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:


كۇرسانتلار تىراكتور ھەيدەشنى ئۆگەنمەكتە.

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز غەيرەت جاسارەت خەۋىرى، فوتوسى: كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى ۋە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن گەزلىك بازىرىنىڭ سۇ بېشى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆزلىرىنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، دېھقان-چارۋىچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ،سۇ بېشى كەنتىدىكى 45 نەپەر دېھقان-چارۋىچىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى بىخەتەر ھەيدەش، رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش بىلىملىرى بويىچە ھەقسىز تەربىيەلىدى.