باش بەت>يېزا ئىگىلىك

دېھقان - چارۋىچىلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىدىن نەپكە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-12 19:01:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش ئارقىلىق دېھقان - چارۋىچىلارنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى، تەرتىپى، تولۇقلىما بېرىلىدىغان تۈرلەر، تولۇقلىما ئۆلچىمى قاتارلىقلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدى. 

دۆڭقوتان بازىرىنىڭ قاراڭغۇ 2 - كەنتىدىكى رېھىم مىجىت مۇنداق دېدى: يېقىنقى كۈنلەردە كەنتىمىزدىكى بىرنەچچە دېھقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋالدى. مەنمۇ تىراكتور ۋە يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدىم، ھۆكۈمەت بۇنىڭغا 18 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بېرىپ، يۈكۈمنى يېنىكلەتتى.

ئۇقۇشىمچە، ناھىيە بويىچە يىل بېشىدىن ھازىرغىچە تۇنجى تۈركۈمدە 907 چوڭ - كىچىك تىراكتور ۋە چاتما سايمان ئۈچۈن 10 مىليون 880 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تولۇقلىما تارقىتىلىپ، بۇنىڭدىن 744 دېھقان - چارۋىچى نەپكە ئېرىشكەن.