باش بەت>يېزا ئىگىلىك

پىچان ناھىيەسى زامانىۋى باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-13 12:46:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋىرى: پىچان ناھىيەسى بۇ يىل دېھقانلار كىشى بېشى كىرىمىنى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن 1100 يۈەن ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زامانىۋى باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

پىچان ناھىيەسى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، تېخنىك خادىملارنى ئاساسىي قاتلام ۋە باقمىچىلىق بازىلىرىغا ئەۋەتىپ، 33 مىڭ 532 ئادەم/قېتىم دېھقان-چارۋىچىنى زامانىۋى باقمىچىلىق، چارۋا-ماللاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چارۋا نەسىللەندۈرۈش قاتارلىق باقمىچىلىق تېخنىكىلىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلىدى. ئۈلگە ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەش ئۈچۈن، دىغار، دالان كارىز، چىقتىم، پىچان يېزىسى قاتارلىق يېزا-بازارلاردا باقمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرىنى بەرپا قىلدى. باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىلەرگە ھەقسىز قوتان ئورنى بېرىش، سۇ، توك بىلەن دەل ۋاقتىدا تەمىنلەش، قوتان سالسا تولۇقلىما بېرىش، پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى ئالدىن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە 823 مىڭ تۇياق چارۋا-مال بوردىلىپ، يىللىق بىر مىليون تۇياق چارۋا-مال بورداش ۋەزىپىسىنىڭ %82.3 ى ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي كۆپەيگەن مال-چارۋا 287 مىڭ 500 گە يېتىپ، يىللىق پىلاننىڭ %95.5 ى ئورۇندالدى. گۆش مەھسۇلات مىقدارى 9341 توننىغا، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 211 توننىغا، سۈت مەھسۇلات مىقدارى 503 توننىغا يەتتى.