باش بەت>يېزا ئىگىلىك

ئورگانىك شالدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-13 12:51:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام قادىر خەۋىرى: چاپچال ناھىيەسىنىڭ «شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئامبىرى» دېگەن نامى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاپچال ناھىيەسىدە شال تېرىلغۇ كۆلىمى 200 مىڭ موغا يەتتى.

ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا چاپچال ناھىيەسى كان يېزىسىدىكى 6000 مودىن ئارتۇق يەرگە تېرىلغان ئورگانىك شال پىشىپ ئورۇش باسقۇچىغا كىردى. 2013–يىلى بۇ ناھىيە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ھەمدە ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كان يېزىسىدا ئورگانىك شال تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتتى. ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، كان يېزىسىدىكى ئورگانىك شال تېرىلغۇ كۆلىمى 6000 مودىن ئاشتى.

بۇ يىل بۇ ناھىيە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش، ئورگانىك شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «شىركەت+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+بازا+دېھقان» دىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، شىركەت ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ھەر مو يەرنى 900 يۈەنگە ھۆددىگە بېرىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كان يېزىسىدىكى دېھقان ئابدۇخېلىل ئابدۇئەلى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى شال تېرىساق ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىمىمىز 1000 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى، ھازىر بىر مو يېرىمىزنى 900 يۈەنگە ھۆددىگە بېرىمىز، بۇنىڭغا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ قىلغان كىرىمىمىزنى قوشقاندا خېلى كۆپ كىرىم بولىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ تەدبىر كان يېزىسىدىكى 100 نەچچە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇپ، 700 نەچچە دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولغان.