باش بەت>شېئىر

قەشقەر بالىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-15 19:00:00 مەنبە:«قەشقەر» ژورنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 


ئابابەكرى ئابلىز


بىر خىلۋەتتە تۇرار جاراڭلاپ،

مەپتۇن قىلغان سېنىڭ ناخشاڭدۇر.

باشلاپ ماڭغان مىڭبىر كېچىگە،

ساڭا يۇلتۇز سۇنغان ئاسماندۇر.

 

ماڭار بولساڭ سەمەن يولىدا،

ئاق تېرەكلەر چاچقۇ چاچقاندۇ؟

شامال ئۇرسا گۈلگە ئاھىڭنى،

پىراق مىڭ يىل يىراق قاچقاندۇ؟

 

سەيرانىڭدا ئىشىق شاۋقۇنى،

تۈمەن بويى سېنىڭ باغچاڭدۇر.

خانلەيلۇننى سېغىنغىنىڭدا،

ئېتىۋاتقان بىر گۈزەل تاڭدۇر.

 

ئاشىقلارغا تونۇتقان سېنى،

قولۇڭدىكى ھالال ئاق ناندۇر.

ياتلىمايسەن ياخشىلارنى ھېچ،

ئەسلى زاتىڭ بەلكىم دېھقاندۇر.

 

تاڭدا قىسىپ چىققىنىڭ كۈلۈپ،

باغلىرىڭدا ئۆسكەن رەيھاندۇر.

ياڭراتقاندا ئەلەملىرىڭنى،

قەلبىڭ مىسلى كەڭرى مەيداندۇر.

 

(ئاپتور: يېڭىشەھەر ناھىيە يېڭىئاۋات يېزا قاشئېرىق كەنتىدە، دېھقان)