باش بەت>شېئىر

سۆيگۈ تىنىقلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29 18:24:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 



 

يۈسۈپجان ئەزىزى


 

جامالىڭنى كۆرۈۋالاي

 

كۈندۈزلىرى كۆرمەيمەن ئەسلا،

ئايغا تەڭداش جامالىڭنى يار.

قەيەردىسەن، ئەي كۆزى شەھلا؟

دىلخانەمدىن يوقالدى دىدار.

 

جامالىڭنى بەرگىن چۈشۈمگە،

كۆرۈۋالاي سېنى تاڭغىچە.

ئۇيقۇ كىرسۇن كېچە كۆزۈمگە،

كۆزلىرىممۇ تالار ئاڭغىچە.

 

ئەمەسقۇ گۇناھ

 

ھەر ئاخشىمى ناخشا توۋلىسام،

تەڭتۇشلىرىم دەپتۇدەك ساراڭ.

گۇناھمىكەن سۆيگۈ ئوۋلىسام،

مەن ساراڭمۇ؟ زەن قويۇپ قاراڭ.

 

ئالجىغانغا ئىقرارمۇ بولاي،

بىراق يۈرەك بولمايدۇ گۇۋاھ.

قىز قەلبىگە قەلبىمنى ئۇلاي،

كۆيۈپ قېلىش ئەمەسقۇ گۇناھ.

 

نەزەر

 

چېچىڭىزنى سۇمبۇلكەن دېسەم،

كۆزلىرىڭىز ئەيلىدى خۇمار.

تۇرقىڭىزدا بەخت مۇجەسسەم،

تاۋۇشىڭىز دىلىمغا تۇمار.

 

بىلىپ - بىلمەي يوقاتتىم ھۇشۇم،

باركەن سىزدە رام قىلىش سېھرى.

رازى ئىدىم ياشلىق چېغىمدىن،

قۇتلۇقلىسا سۆيگۈڭىز مېھرى.

 

(ئاپتور: يېڭىشەھەر ناھىيە قۇمۇشئېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە)