باش بەت>شېئىر

ۋەتەن چەشمىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29 18:25:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 

 

ئابدۇراھمان زۇنۇن

 

1

 

ئەي ئانا يۇرت قەدىناس دىيار،

تەبرىكلەيمەن ئاتمىش يېشىڭنى.

قىرانلىققا يېتىپ كۈچەيگەن،

زەپەر تاجى قونغان بېشىڭنى.

 

ئاتمىش باھار ئۆتتى بېشىڭدىن،

باھار قۇشى كەلدى قاتارى.

چۆمدى ئەتراپ رەيھان ھىدىغا،

ۋىلىقلىدى گۈلزار ۋىسالى.

 

ئەل رايىنى قىلىپ مۇجەسسەم،

شادلاندۇردى كۈلۈپ كەلگەن نەپ.

ئىپتىخاردا ئوينىدى يۈرەك،

كۈچلەندۈرگەچ قانۇن ۋە ئەدەپ.

 

2

قۇتلۇق باھار ئەتتى تەۋەللۇت،

قىياستىكى ئۇچقۇر دەۋراننى.

چېچەكلەتتى پەسىلسىز ئەنە،

دىللار سۆيگەن ئارزۇ-ئارماننى.

 

بىلەكلەرگە كەلدى كۈچ - قۇۋۋەت،

يۈكسىلىشنىڭ يولىنى تاپتۇق.

ئادەت بولۇپ قالماقتا ھالقىش،

قانائەتنىڭ چىشىنى چاقتۇق.

 

نادانلىقنى كۆمۈپ قەبرىگە،

يول قالمىدى ئەمدى «شۈكۈر»گە.

«ئۈچ خىل كۈچ»كە ئوت ئېچىپ ھەردەم،

قەدەم باستۇق يېڭى دەۋرگە.

 

باھار چاچقان ئالتۇن زىيادىن،

ھارارەتكە تولدى بۇ تۇپراق.

گۈل دۇنياسى كۆچۈپ كەلگەندەك،

تاغۇ تاشتىن كەلدى خۇشپۇراق،

 

تاغ - تۇرالار بولماقتا شەھەر،

تومۇرىدىن ئاقىدۇ قۇۋۋەت.

سىياسەتتىن بەھىرلەندى ئەل،

زوققا تولۇپ، شادلىنىپ قەۋەت.

 

3

بىزگە سېخىي بولغاچ قوش باھار،

ئاتقان ھەر تاڭ ئالتۇن چايقىدى.

ئېتىلدى ئوت ئەزمىلىكلەرگە،

ئارزۇ-ئىستەك داۋان ھالقىدى.

 

يوللار تۇتاش سەپەرلەر راۋان،

يىپەك يولى يايدى كەڭ قانات.

باشلىۋەتتۇق ئالەم سەپىرى،

يەر يۈزى ھەم ئاسماندا قات- قات.

 

كەلدى يۈگۇڭ جاسارەت بىلەن،

داۋانلارغا كىردى سول يېرىپ.

بىر مەنزىرە يۈز ئاچتى ئەنە،

مول ھوسۇلغا ئىمكانلار بېرىپ.

 

ئەل قولىغا ئۆتتى چۇلۋۇرى،

بەڭۋاشلىقتا ئاققان دەريانىڭ.

باھار سۆيدى يايلاقۇ ئورمان،

ھۆسنى كۈلدى گۈلنىڭ، گىياھنىڭ.

 

ئېرىقلارمۇ تولدى ئەدەپكە،

تىكەنلەرگە بەرمەيدۇ ئورۇن.

زەمزەم سۆيۈپ ئوينار قىياقلار،

پىننە، يالپۇز قىسمايدۇ بويۇن.

 

ئېتى يامان چۆللەر قالمىدى،

«يۇلغۇنلۇق»تا ھايات قاينىدى.

نوتا-نەۋبەر مېھمانغا مۇشتاق،

«يىكەنلىك»تە بۇلبۇل سايرىدى.

 

4

ئەي ئانا يۇرت قەدىرلىك دىيار،

سەندە باھار تۇغدى مۆجىزە.

مەئىشەتكە تولدى ئېتىكىڭ،

گۈلىستانغا بولدۇڭ ئەندىزە.

قوش باھارنىڭ خاسىيىتىدىن،

يىللار كىيدى نۇسرەتلىك لىباس.

مۇشەققەتتىن ئاچمايمىز ئېغىز،

ئىرادىگە تىلسىم ئەگدى باش.

 

ئاقتى تارىم چاڭجياڭغا جور بوپ،

باياۋانغا ئېلان قىلىپ جەڭ.

قەشقەر-شېنجېن قېرىنداش بولۇپ،

ئالدى قەدەم يۈكسىلىشكە تەڭ.

 

تەڭ كەلمەكتە بىر كۈن يىللارغا،

تەرىپلىرى تىللارغا پاتماس.

قىزىپ كەتتى ساما ھەم مەشرەپ،

تەڭكەش بولدى بارچە قېرى-ياش.

 

كۆزىمىزنى ئاچتى ئىلىم-پەن،

تونۇۋالدۇق سايدىن گۆھەرنى.

ئىشلىرىمىز ئەمدى تاپار قۇت،

چىڭىتىپلا تۇرساق كەمەرنى.

 

ياڭرىماقتا ھەر ۋاخ، ھەر ياندا،

يۇرتىمىزنىڭ تەبرىك بەزمىسى.

يېڭىلىدى تارىخ بېتىنى،

چىن زەپەرنىڭ ئالتۇن چەشمىسى.

 

قوش باھار - ئىككى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى كۆرسىتىدۇ.

 

(ئاپتور: كونىشەھەر ناھىيە گۈلزار ئىجتىمائىي رايونىدا)