باش بەت>شېئىر

لەۋلىرىڭ تۆككەن بايان

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29 18:53:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


 

ئۈمىدجان قادىرى

 

ئىلتىجايىم ئۆركىشى

 

قاتتى كۆزلەر گۈل بويۇڭدا، زىلۋا مەجنۇنتال دېدىم،

ھەر نىگاھىڭ ياقسا گۈلخان، تەپتىنى يال - يال دېدىم.

غۇنچە لەۋدىن تامسا تاۋۇش، بۇندا جۇشقۇن، خۇش ئاۋاز،

سۆزلىرىڭنىڭ قەترىسىنى شىرنە شەربەت - بال دېدىم.

نەزمە پۈتكەن قوللىرىمنى ماختىساڭ شاد زوقلىنىپ،

بەرگىلى جان بۇ كۈيۈمگە سازنى مۇڭلۇق چال دېدىم.

ئىلتىجايىم ئۆركىشىدىن بولدى يارقىن دىل ساڭا،

بەرق ئۇرۇپ يار گۈل بېغىمدا ئەبەدىيلىك قال دېدىم.

ئاھ، مۇبادا بۇ ئۈمىدجان لەۋزىگە چىن پۈتمىسەڭ،

ئەيلىگەيمەن جان تەسەددۇق، ئۆز قولۇڭدا ئال دېدىم.

 

لەۋلىرىڭ تۆككەن بايان

 

دىلبىرىم كوچاڭنى ھىدلاپ دېمىقىم ئەنبەر سېزەر،

قەترەئىي يۇتسام سۈيۈڭدىن چاڭقىشىم كەۋسەر سېزەر.

بارمىقىڭ ئاراچلىرىدىن سىرغىتىپ زەۋقىڭ ئارا،

ئوينىغان «بەش تال تېشىڭ»نى بۇ كۆڭۈل مەرمەر سېزەر.

خانىدە ئاي بىرلە يۇلتۇز چۈش كۆرۈپ ياتقان زامان،

جۈپ كۆزۈڭ يورۇقلۇقىدىن دىل زىيا - ئەختەر سېزەر.

 

نائىلىم ئەسرارى پەيتنىڭ بەرقىدىن گۈللەر كۈلۈپ،

لەۋلىرىڭ تۆككەن باياننى سۆز ئارا جەۋھەر سېزەر.

باغلىنىپ ئىشقىڭغا ھەرۋاق بۇ ئۈمىدجان ئۇخلىماي،

سۆيگۈنى قوغداشقا تەييار ئۆزىنى نەۋكەر سېزەر.

 

يادلىغاي ئەل زىكرىدە

 

ياخشىلىقتىن ئەل - ۋەتەنگە تۆھپە، مېھنەت ئات قالۇر،

گەر يامانلىق قىلسا ھەركىم دىلدا نەپرەت، دات قالۇر.

زىت - ئارازلىق بەرمىگەي نەپ، خار - زەبۇنلۇقتىن بۆلەك،

ئۆم - ئىناقلىق باغچىسى گۈل، بۇلبۇلى خۇش - شاد قالۇر.

گەر تەمەننا ھەم رىياغا ئۆتسە كىمكى قول بېرىپ،

قالدى ئاخىر ئۆزى تەنھا، قوۋم - قېرىنداش يات قالدۇر.

ئەلنى سۆيگەن، ئەلگە كۆيگەن ئىشقى ئاتەش ئەر ئۈچۈن،

ھەر تەرەپتە كۈلسە مەشۇق، داغى ھىجران مات قالۇر.

پۈتسە ئەشئار بۇ ئۈمىدجان ھەقنى دىلغا جا قىلىپ،

كەتسە بىر كۈن، يادلىغاي ئەل زىكرىدە بىر زات قالۇر.

 

 

بەرگىنە گۈلگۈن سەھەر

 

شادمۇ سەن، سېھرىڭ بىلەن قەلبىمنى مىڭ ئوت ئەيلىبان،

ئوت ئارا تەسلىمگە جان قىلماق تەرەددۇت ئەيلىبان.

نۇسرىتىڭ ئاشقايمۇ چىن ئاشىق جېنىدىن كەچسە يار،

سانىساڭ تەتۈر ساناق، ۋەھدەتكە ھەم چوت ئەيلىبان.

يۈرمىكىم قانداق غەلەت، ئىشقىڭ كۈيىگە دىل چېتىپ،

كۇللى ئالەمدىن سېنى ھۇجرامغا مەبۇد ئەيلىبان.

پاك مۇھەببەتنىڭ كۈچى تاشلاردا مەشرەپ ئۇرغۇتار،

نە ئېرۇر سۇنساڭ باھار ۋەسلىمگە بىر قۇت ئەيلىبان.

بۇ ئۈمىدجان ئۆمرىگە يەتمەستە كەچكۈز مەۋسۇمى،

بەرگىنە گۈلگۈن سەھەر قۇشلار تەۋەللۇت ئەيلىبان.

 

ئۇ چاغ

 

گۈلۈم ياشلىقنى ئەسلەمسەن، چېۋەر - چاققانىدۇق ئۇ چاغ،

ئۆمۈرنىڭ كۆكسىگە رەڭدار چىمەن ئاسقانىدۇق ئۇ چاغ.

شىجائەت كۈيلىرى ئىچرە، ئىشەنچنى ئەيلىبان قولۋاق،

ئەزىم دەريا ئارا لەڭلەر ئۇرۇپ ئاققانىدۇق ئۇ چاغ.

ئۇزۇن تۈنلەردە كۆز يۇمماي، شېرىنلىك ھېسلىرى تامشىپ،

ۋىساللىق تاڭغا زەپ گۈلگۈن كۈلۈپ باققانىدۇق ئۇ چاغ.

ئانا يۇرت باغرىدا نۇسرەت قۇچۇپ پاك، چىن مۇھەببەتتىن،

ئاۋامنىڭ رايىغا مايىل بولۇپ ياققانىدۇق ئۇ چاغ.

دىلىڭ تۆككەن شەبىستاندىن ئۈمىدجان مەنزىلى يارقىن،

سامانىڭ قەرىگە قاڭقىپ قانات قاققانىدۇق ئۇ چاغ.

 

ئەيلەي

 

نىگار ئاچقىل ئۇزايىڭنى كۆزۈمگە نۇر كۆرەك ئەيلەي،

كۆڭۈل غۇنچەم ئېچىلسۇن خۇش كۈلۈپ بۇندا پورەك ئەيلەي.

كۈتۈنسۇن ھەر سەھەر - ئاخشام لىرىك ناخشاڭ بىلەن روھىم،

سېمايىڭنى سەپەرلەردە ماڭا ھەمراھ، يۆلەك ئەيلەي.

ئىشەنچىمدىن يېقىپ مەشئەل، كۆمەي گۈلگە شەبىستاننى،

دىلىم رازى ئۈچۈن تەسكىن ۋىسالىڭدىن دېرەك ئەيلەي.

ناۋا تۆكسۇن ئۇرۇپ خەندان سېنى كۆرگەن قۇشۇم باغدا،

ئۇنىڭدىن زوق ئالار بولساڭ، بېقىپ قۇشلار كېرەك ئەيلەي.

قۇتۇب يۇلتۇز بولۇپ كوچام ئارا مەڭگۈ جۇلا چاچقىن،

ئۈمىدجاندا ساڭا مەنسۇپ يارالغان چوغ يۈرەك ئەيلەي.

 

مايسىخان

 

مىسلى باغ-گۈلشەندە تاق ھۆسنۈڭنى كۆردۈم، مايسىخان،

تولغىنىپ شۇندىن بېرى ئىشقىڭدا كۆيدۈم، مايسىخان.

ئېيتمىقىم لەۋزىم بايان پۇرسەتكە داخىل بولغىلى،

باغ تېمىڭ ئەتراپىدا پىنھانە يۈردۈم، مايسىخان.

ئىزلىرىڭ ھىدلاپ دىلىم، كوچاڭدا قاتتى جۈپ كۆزۈم،

زارىقىش بىسيارغا ئاھ «سۈف-سۈف!»نى ھۈردۈم، مايسىخان.

شاد ۋىسال لەززەت تامان ئۇچقان خىيالدىن بال شۈمۈپ،

ئارمىنىم پەرۋازىدا بەختىمنى سۈردۈم، مايسىخان.

چىقتى بىر بۇدرۇق بوغۇن شۇ تاپ ئۈمىدجان ئالدىغا،

ئۇ ئىكەن كەنجى ئىنىڭ، پەپىمدە سۆيدۈم، مايسىخان.

 

(ئاپتور: گۇما ناھىيە پىيالما يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە)