باش بەت>شېئىر

غەزەللەر

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29 20:03:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 

 

يالقۇن ئۆمەر

 

كۈلەي

 

ئەل - ۋەتەن بەختى ئۈچۈن كەلگەن كارامەتتىن كۈلەي،

ھەر ساھە، ھەر سەپتىكى قۇتلۇق ئالامەتتىن كۈلەي.

ئەھلى ئىشچان تەرىدىن، كۈلگەن تىلەكلەر بەھرىدىن،

نۇر-زىيا چاچقان ئېسىل كەشپ - كارامەتتىن كۈلەي.

قۇت-ئاسايىش ئىلكىدە، چەكسىز خىرامان كۈلكىدە،

پەزلى سازلار ئوينىغان مەشرەپ - باراۋەتتىن كۈلەي.

تەلتۆكۈس تاپقان داۋا، دەرد-رەنجىگە بەكمۇ راۋا،

تەندىكى سەرسانچىلىق ھامىي جاراھەتتىن كۈلەي.

سۆكۈلۈپ ئىللەت-قۇسۇر، قوزغاپ كۆڭۈللەردە ھۇزۇر،

بىر يولى پەشۋا يېگەن دىشۋار - مالامەتتىن كۈلەي.

پەن-بىلىم بەھرىدە دەل، پۇرسەت، ئۇتۇقلار خۇددى سەل،

سىر - تۈگۈن تاپقان جاۋاب سىلجىش، كارامەتتىن كۈلەي.

شەرەپ - شانى بىھېساب، تۇتقان يولى ئالقىشقا باپ،

ئەھلى ئىشچانلار سېپى ئالغان دارامەتتىن كۈلەي.

 

دوستلار سەمىگە

 

بۇ ھاياتتا بۇرادەر ئۇيۇشۇپ ئەپ ئۆتەيلى،

بىر نىيەتتە، مەقسەتتە تۈزۈشۈپ سەپ ئۆتەيلى.

يولدا بەرجەس يۆلىشىپ، ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشۈپ،

مېھىر - شەپقەت بابىدا بېرىشىپ نەپ ئۆتەيلى.

ساخاۋەتكە جابدۇنۇپ، مەردنى ئېسىل دەپ تونۇپ،

دوستقا كۈلكە، دۈشمەنگە قىلىپ غەزەپ ئۆتەيلى.

جۇتتا توڭسا بىراۋ گەر، كار قىلماستىن ئۈنچە-زەر،

خالىس نىيەت ئىلكىدە يوللۇشۇپ تەپ ئۆتەيلى.

پەزلى سازدىن ئۈركۈمەي، كۆزنى چاڭغا پۈركىمەي،

ئۇنى قوللاپ رەنجىدىن غەملەرنى يەپ ئۆتەيلى.

غۇرۇر بىلەن ئىش تۇتۇپ، خىسلىتىدىن دىل ئۇتۇپ،

ھەر دەقىقە راست-لىللا قىلىشىپ گەپ ئۆتەيلى.

باراۋەردۇر ھەممىمىز، ئاڭا تەشنا قەلبىمىز،

نىزا - غۇمنى گۆرىگە تىقايلى! دەپ ئۆتەيلى.

 

شەرەپ كەلتۈر ۋەتەن-ئەلگە

 

جاسارەت ئىمتىيازىڭدىن شەرەپ كەلتۈر ۋەتەن-ئەلگە،

مېڭىپ ئىقبال تامان دادىل ھۇجۇملار باشلا ئۆتكەلگە.

ساداقەتكە چېتىپ دىلنى، بېزەپ شاندىن ئاساۋ يىلنى،

مۇقەددەس گۈل ماكانىڭنى ھالا باستۇرمىغىن سەلگە.

دىيارىڭنى بىلىپ مەككە، ئېچىپ ئوت بىر يولى شەككە،

يارات كەشپ-كارامەتلەر كەمەرنى چىڭ تاقاپ بەلگە.

ئاۋامغا ياندىشىپ ھەر چاغ، قىلىپ يۇرتۇڭنى گۈلشەن باغ،

پايانسىز كەڭ دالاسىنى تىنىمسىز چۆمكىگىن ھەلگە.

تۇرۇپ لەۋزىڭدە ھەر بارە، قىلىپ تەييار ئامال-چارە،

ئۇدۇللاپ ماڭ تىلىڭنى شۇ دىلىڭ رايى بىلەن دەلگە.

ۋەتەن جاندۇر، ۋەتەن خاندۇر، راۋاج تاپماققا ئىمكاندۇر،

دېگەننى دىتلىما زىنھار ئېغىزدىن ئوقچىغان يەلگە.

 

ئادەم دېگەن

 

پاك - پەزىلەت، ئارىنى قىلمايدۇ خار ئادەم دېگەن،

بى ساپا چۈپرەندىدىن تۇتمايدۇ يار ئادەم دېگەن.

پەرقلىنىپ ھايۋان بىلەن، پۈتكۈل دىلى، ۋىجدان بىلەن،

ئادىمىي مەنزىل تامان پەرنى قاقار ئادەم دېگەن.

 

پىتنە-بوھتاننى سۆكۈپ، ئىغۋاغا لەنەتلەر تۆكۈپ،

كۆڭلىنى پاكلىققا ھېچ قىلمايدۇ تار ئادەم دېگەن.

قول سۇنۇپ يوقسۇلغا دەل، غەمخور، ھىمات بوپ دەرمەھەل،

ياخشى ئىش قىلماقنى ھەم ئالمايدۇ ھار ئادەم دېگەن.

ئات سېلىپ ئىقبال تامان، ئاتلا توساقلار ھەر زامان،

كەلسىمۇ دەۋرەپ جۇدۇن ھەتتاكى قار، ئادەم دېگەن.

ئەلنى خۇرسەن - شاد قىلىپ، شەيتاننى دائىم مات قىلىپ،

بارچە ئىللەت شەنىگە ئوتلار ياقار ئادەم دېگەن.

شان-شەرەپكە ئېرىشىپ، ئىزچىل بوشاشماي تىرىشىپ،

يوپ-يورۇق يۈز-ئەڭنىدە ئەلگە باقار ئادەم دېگەن.

بىر ئۆمۈر راستچىل بولۇپ، ئىللەتنى يىلتىزدىن يۇلۇپ،

سالىدۇ ھەق ئىشقىچۈن مەردانە جار ئادەم دېگەن.

بىر بۈيۈك مەقسەت ئارا، ئەغيار دىلىنى قىپ يارا،

زور شىجائەتتىن كەمەر بەلگە تاقار ئادەم دېگەن.

 

بولسا

 

تاپار ئىنسان ئىناۋەت پەزىلىتى ساز بولسا،

كۈلەر ھايات بوستانى پەسلى باھار-ياز بولسا.

ئەزگۈلۈكتە يايرار جان، قاناتلىنار مول ئىمكان،

ئاسايىشلىق پەيزى بار مىسلىسىز كۈي-جاز بولسا.

قىسقىرايدۇ ئامىتى، سۇنار شەكسىز قامىتى،

ھەسەتخورنىڭ قىلمىشى مەززىسى يوق ماز بولسا.

شۈكۈر! دەيدۇ مېھنەتكەش، بولماي ھالا كۆڭلى غەش،

ئۆز تېرىدىن يارالغان توخۇ، ئۆردەك، غاز بولسا.

تۇرار تاقىر تاغ بېشى، كۆكەرمەستىن ياز-قىشى،

ئۈنمەس پەقەت گىياھ-تال ھالا غىلاڭ تاز بولسا.

دورىيالماس لەيلىنى، تارتالماس دىل مەيلىنى،

نازىنىن شۇ خېنىمدا چەكتىن ئاشقان ناز بولسا.

كۈلمەس ئارزۇ-تىلەكلەر، تۈرۈلسىمۇ بىلەكلەر،

بىراۋلاردا ئىنتىلىش جاسارىتى ئاز بولسا.

 

ياشايمەن

 

پەزىلەتنى بىر ئۆمۈر كۈيگە قېتىپ ياشايمەن،

نائەھلىلەر قوۋمىگە ئوقلار ئېتىپ ياشايمەن.

ئار-ھاياغا ئېسىلىپ، قالماي بىۋاق بېسىلىپ،

غۇبارسىزلىق ھەققىدە گەپلەر سېتىپ ياشايمەن.

 

مىسكىنلەرگە قۇت بېرىپ، گەر توڭلىسا ئوت بېرىپ،

تەقدىرىڭگە دىلىمنى مەھكەم چېتىپ ياشايمەن.

ئاتلاپ پەللە تىنىمسىز، مەنزىللەردە قويۇپ ئىز،

يۈكسەك ئىشەنچ بەھرىدە زوققا پېتىپ ياشايمەن.

نىزا-غۇمغا قول بەرمەي، راۋاجىغا يول بەرمەي،

ئىللەت-قۇسۇر ئەھلىدىن يىراق كېتىپ ياشايمەن.

تۇرۇپ دادىل ھەممە ۋاق، غەيرىي خۇيدىن بولۇپ ساق،

لەززىتىنى ھاياتنىڭ راسا تېتىپ ياشايمەن.

دۇرۇس قىلىپ دىلىمنى، شانغا ئوراپ يىلىمنى،

بۈيۈك مەقسەت، نىشانغا بەرھەق يېتىپ ياشايمەن.

 

پەزىلەت شامىنى ياندۇر

 

تەكەببۇر نوچىنى ئەلدە غۇرۇر-ۋىجدان بىلەن چاندۇر،

ئەيىب - نۇقسانىغا زەربە بېرىپ ئۆز لەۋزىدىن ياندۇر.

ساخاۋەت، مەرتىۋەڭگە باپ، قىلىپ دىلنى غۇبارسىز ساپ،

يېتىم - يوقسۇلنى ياد ئەيلەپ، كۆڭۈل تەشناسىنى قاندۇر.

بىلىم پۈتمەس ئېرۇر بايلىق، بولۇر گۈل بەھرىدىن سايلىق،

بوشاڭلار ئەھلىگە ھەيھات! ئىلىم تەھسىل قىيىن ساندۇر.

زىمىستان ئىچرە ئاچ قالغان، كېتىپ كۈچ-ماغدۇرى تالغان،

يۆلەكسىز قۇشنى كۈلدۈرگەن مېھىر تەل بىباھا داندۇر.

ئەدەپ - ئەخلاق شەرەپ ئەرگە، گويا ئوخشايدۇ ساپ زەرگە،

غۇبارسىزلىق ھايا، خىسلەت ئۈچۈن بايلىق ئاتا كاندۇر.

ئۆزىنى پاكلىغان ئىنسان، تېپىپ دەل خەيرىلىك ئېھسان،

ئىناۋەت بابىدا بەرھەق گوياكى پادىشاھ-خاندۇر.

تېپىپ ئالقىش-تەشەككۈرنى، رىياغا كەڭ ئېچىپ تورنى،

بۈيۈك ئىقبال تامان چامداپ پەزىلەت شامىنى ياندۇر.

 

تۇغۇلغان يەر

 

ھايات تەختىمدە ھەر بارە شەرەپ-شاندۇر تۇغۇلغان يەر،

زەئىپ جىسمىمغا پۈتمەس كۈچ ھالال قاندۇر، تۇغۇلغان يەر.

ماڭا شوخلۇق ئەرك بەرگەن، ئاسايىشلىق قانات كەرگەن،

كېلەچەك قۇت ئاساسىمغا تۈگەل كاندۇر تۇغۇلغان يەر.

گويا جەننەت كەبى ئاي-ھاي! نېسىۋەم تەل جىمىكى جاي،

كۆڭۈل قەسرىمدە ھۆرمەتتە گويا خاندۇر تۇغۇلغان يەر.

بېرىپ ئەرلىك جاسارەتنى، يېڭىپ ھەر خىل ئاسارەتنى،

تومۇرۇمدا ماگمىدەك ئاققان قىزىل قاندۇر، تۇغۇلغان يەر.

ئەجىر-مېھنەتكە باشلاتقان، جەزىر قوينىنى ياشناتقان،

گۈلىستانغا تەۋەللۇت دەل ئۇرۇق-داندۇر، تۇغۇلغان يەر.

جاپايىمغا قاياش ھەردەم، ئېغىشماستىن تۇرۇپ بەردەم،

ساداقەتتە بېغىشلانغان بۆلەك-ياندۇر تۇغۇلغان يەر.

جاراڭلىق نەغمە-سازىمغا، پەخىرلىك ئىمتىيازىمغا،

ھۆسىن بەرگەن بۈيۈك، يەكتا ئېسىل ساندۇر تۇغۇلغان يەر.

 

كىشى

 

روناق تاپار، قۇت تاپار پەزىلەتكە باي كىشى،

مىجەز-خۇلقى مۇلايىم چېھرى نۇرلۇق، ئاي كىشى.

ئەجدادىدىن سۆيۈنسە، ئەۋلادىغا كۆيۈنسە،

روناق تېپىپ توختاۋسىز قوشار ئەلگە پاي كىشى.

كۈلۈپ ئامەت، ۋىسالى، بولۇر ھۆر قۇش مىسالى،

ئىلىم-پەننى ھەربارە قىلسا ئۇچقۇر تاي كىشى.

مېھنەت قىلىپ تۆكسە تەر، بەرپا قىلسا ئۈنچە زەر،

روناق تېپىپ ھەر قەدەم ئىچەر ناۋات چاي كىشى.

ئاۋام بىلەن ئۆتسە ئەپ، يوقسۇللارغا بەرسە نەپ،

تۇتالايدۇ شۈبھىسىز ئەل قەلبىدىن جاي كىشى.

 

(ئاپتور: قەشقەر «ۋەنشۈن» كىرا ئاپتوموبىل شىركىتىدە)