باش بەت>شېئىر

ئۈچ غەزەل

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29 20:06:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 

 

ئابلاجان بوۋاقى

 

1

ياقا يىرتىپ يىغلىغاي كىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى،

كۈلكىسى ھەر ياندا ھەركىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى.

يار ئېچىپ قاتتىق ھازا، باغرىنى پارە ئەيلىسە،

كىملىرى تويلاردا بەلكىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى.

يىغا بىرلە كۈلكە، غەم بىرلە نادامەت قوشكېزەك،

يوق بولۇر ئالەمچە ئەركىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى.

كىملىرى كۆز - ياش قىلۇر ئىشق تەۋسىپىمنى ياغدۇرۇپ،

كىملىرى تۇرغاي يەنە جىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى.

ئاھ، كىرىپ كەتكەندە تۈڭلۈكسىز سارايغا مەن، نېتەي،

ئەتكۈسى ئىشىكنى چىڭ - ھىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى.

مەرسىيەلەر قان بولۇر، خامان بولۇر، ئارمان بولۇر،

ئايرىلار ئادەمچە پەرقىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى.

دەر: «ئەمەستى بەندىنىڭ بەندىسى شائىر، شاش بوۋاق،

ئەل ئارا شۇنچە مۇلايىم...»، مەن ئۆلۈپ كەتكەن كۈنى!

 

2

ئۆزۈڭنى چىن چۈشەن دىلبەر، ئېلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول،

ئۆزۈڭدىن كەچ، ئۆزگىن ئويلا، دىلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول.

خىيال غەليانلىرى جانغا قېقىپ مىخ، قانۇ قان قىلدى،

ھەقىقەتنى زىكىر ئەيلەپ تىلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول.

ھىدايەت نۇرلىرىدا روھ - تېنىڭنى يۇي ئىرادەتتە،

ھاياتىڭ چەكمىسۇن زەخمەت، يىلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول.

تۇغۇلدۇڭ ئۇشبۇ ئالەمگە تۆكۈپ ياش، كۈل ئادالەتتىن،

ئۇلۇغ دەريادا ئاققاندا، سېلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول.

شەپەق كۆكلەملىرى نۇسرەت ئاتا قىلغاي كۆڭۈللەرگە،

ياشا قەددىڭ تۇتۇپ تىك، شاد، خىلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول.

ئۆزۈڭنى ئالدىما زىنھار، ئالدانغانلار ئەبەدلىك خار،

سېنى ئالدايدىكەن ئەغيار، تىلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول.

بوۋاقى، باقىي سەرخۇشلۇق تىلەپ ئىشقىڭنى زاھىر ئەت،

ئىشەن ئەتەڭگە ھۆرمەتتە، ئېلىڭ ئالدىدا سەرخۇش بول.

 

3

سۆيمىگەنگە سۈركىلىپ، كۆڭلۈڭنى پارە قىلما يار،

يار ئىدى، بولغاندا ياۋ، زىنھار بىچارە قىلما يار.

بىر كۈنۈڭ مىڭ يىل بىلەن تەڭداش بولۇپ ئۆتكەي ئەبەد،

بولدى بەس، ماڭسۇن يولىغا، ئەمدى «چارە» قىلما يار.

ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتقۇزدى كىمگە، نائېنىق،

مېھىر - شەپقەت بىلدۈرۈپ ئىشقىي ئىشارە قىلما يار.

خۇيى بىردۇر خۇمسىنىڭ، كەچمەككە تەييار ھەر زامان،

ئايرىلىپ كەتكەنگە شادلان، قايغۇ - زارە قىلما يار.

ئەقىدەڭچۈن ياش تۆكۈپ، زار ئەيلىسەڭ دەريا - دېڭىز،

كارى يوق، بولمايدۇ ئۇيقۇدىن بىدارە، قىلما يار.

ئۆز - ئۆزۈڭنى قىينىما، پۈتمەس جاھاننىڭ ئىشلىرى،

ئۇ ئاساۋ ئاتتەك كۆڭۈلنى، ياق، ئىدارە قىلما يار.

ھەر كىشىنىڭ باشىدا باردۇر مۇھەببەت قىسمىتى،

بىل نەسىھەتنى گۆھەر، قەلبىڭ بىگانە قىلما يار!

 

(ئاپتور: «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتىدا )