باش بەت>شېئىر

شەپەققە ئايلاندىم كۆزۈڭگە قاراپ

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-03 19:34:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

  


 

ئابدۇشۈكۈر راشىدىن

 

چېچەكسىمان رىۋايەتكە ئايلاندىم

 

چېچەكسىمان رىۋايەتكە ئايلاندىم

قوۋزاقلىرىم يىمىرىلدى شېئىردەك.

شۈمۈپ باقتىم لەۋلىرىنى بەرگىنىڭ،

سۆيدۈرگىنى لېۋى ئەمەس مېھىردەك.

 

ھال رەڭلەردە مۇھەببەتنىڭ ئىپپىتى،

كۆز يېشىنى يۇتۇۋەتتى ئۇياتلىق.

مەن قىزاردىم لەۋلىرىمدە ئالمىدەك،

تىنىقىمدا قېتىپ قالدى ھاياتلىق.

 

ئۇنتۇلغان سۆيگۈ

 

سۆيۈلۈپ تامچىدىم لەۋلىرىڭ ئارا،

يېرىلدىم شەبنەمدەك ئىللىق سېزىمدا.

تەبەسسۇم قوزغىدى يۈرىكىمدە ئوت،

يارالدى بىر ئىلاھ سۆيگەن دىلىمدا.

 

چاندۇرماي قارىدىم بىلمەسكە سالدىڭ،

ئۇچراشقان تىنىقلار كەتتى بۇلدۇقلاپ.

سىيلىغۇم كەلدى ئېڭەكلىرىڭنى،

شەپەققە ئايلاندىم كۆزۈڭگە قاراپ.

 

ئۇنتۇلغان سۆيگۈنىڭ نازۇك بەرگىسى،

مەست قىلدى غۇنچىنىڭ پۇراقلىرىدەك.

كۆيدۈم پاراسلاپ زۇلمەت كېچىنىڭ

پىلىكى گۈل بولغان چىراغلىرىدەك.

 

سۆيۈلۈپ تامچىدىم لەۋلىرىڭ ئارا،

يېرىلدىم شەبنەمدەك ئىللىق سېزىمدا.

بىر تەنگە ئايلاندى روھنىڭ قۇدرىتى،

سېنىڭ قانلىرىڭ، مېنىڭ ھىدىمدا.

 

تاقەتنىڭ بوسۇغىسىدا

 

يوشۇرمىدىڭ سىرىڭنى قىلچە،

دوستلۇق ئۈچۈن بەردىڭ ھەممىنى.

كۈن - تۈنلەرنى ئۆتكۈزدىڭ بىللە،

ھەم سېغىندىڭ بىللە تەڭرىنى.

 

بىراق، سۆيگۈ بارخانلىرىدا،

بىر دالدىغا پاتمىدى ھايات.

بىر قېيىقتا ئىككى دەستە گۈل،

ۋىسال قۇشى قاقمىدى قانات.

 

رەنجىمىدىڭ بىلىندۈرمىدىڭ،

دوستۇڭ ساڭا پەرۋا قىلمىدى.

ئوت ۋە سۇغا ئايلىنىپ ھايات،

بىر نۇقتىدا ئېغىر سىنىدى.

 

سەن دوستۇڭغا رەقىب بىلىندىڭ،

ئول تاقەتنىڭ بوسۇغىسىدا.

ئۇچرىشىشنى راۋا كۆرمىدىڭ،

تۆت كوچىنىڭ تارچۇق بېشىدا.

 

قىسمەت، بۈگۈن ئۇچرىشىپ قالدىڭ،

چىڭ يوشۇردۇڭ كۆز ياشلىرىڭنى.

مۆكۈپ باقتىڭ خىلۋەت دالدىغا،

ئىلىۋالدى گۈل چاچلىرىڭنى.

 

شۇئان يۈزۈڭ گۈلدەك قىزاردى،

كېلىشمىگەن ئۇشبۇ قىسمەتتىن.

ئويلىمىغان بولغىيتىڭ تەقدىر،

ئايىمىدى سېنى خىسلەتتىن.

 

چاچلىرىڭنى تۇتتى بىر جۈپ قول،

سەن يىگىتكە قارىدىڭ خىرە.

ئوت ئىچىدە ياندى جۈپ كۆزلەر،

بىر - بىرىگە سېلىشتى گىرە.

 

بۇ تاقەتنىڭ بوسۇغىسىدا،

سەن ئەپۇدىن ئۆستۈرگەچ چىمەن.

بەخت ئاچتى سۆيگۈڭگە قۇچاق،

داغدا قالدى شۇ ئاسىي - لەۋەن.

 

ئۇچراشمىساق بولاتتى ئەسلىي

 

قايناپ تۇرغان دېڭىز بىر شەبنەم،

يالتىرايدۇ گۈلنىڭ بەرگىدە.

مەن ئېسىمنى يىغالماي قالدىم،

سۆزلىگىنە ئۆزۈڭ ھەققىدە.

 

مەھەللىمىز بەك كىچىك بازار،

كېچىلىرى كۈندۈزگە تۇتاش.

سىيپاپ ئۆتتۈڭ بەلكىم ھەم سۆيۈپ،

قىلالمىدىڭ ئەپسۇسكى باخاش.

 

مەن قايرىلدىم ئارقامغا سەنمۇ،

كۆزلىرىمىز بېقىشتى كۈلدى.

قاغجىرىغان يۈرەك دۈپۈلدەپ،

جىسمىمىزدا بىر سۆيگۈ ئۈندى.

 

ئۇچراشمىساق بولاتتى ئەسلىي،

ئەمما، غايىپ كەلدى بۇ قىسمەت.

ئۇنتۇش سۆزى لۇغەتلەردە يوق،

ھەر بېتىمدە سۆيگۈ - مۇھەببەت.

 

شېئىر بالكونىدىكى مۇڭ

 

ئېچىنىمەن يېزىلمىغان قۇرلارغا،

ئېچىنىمەن ئاپپاق قالغان بەتلەرگە.

ياشلىقىمدا بىلمىگەنگە ئاقىۋەت،

قېلىشىمنى بۈگۈنكىدەك دەردلەرگە.

 

مانا ھازىر يازاي دېسەم ۋاقىت قىس،

يازغانلىرىم مېغىزى يوق شاكالدەك.

بىلىنىدۇ ھاياتىمنىىڭ قىممىتى،

بىرسى زورلاپ تاشلىۋەتكەن ساپالدەك.

 

ئىلھام دېگەن گۈل ياشلىقنىڭ ھىدىكەن،

پۇراي دېسەم خازان بوپتۇ بەرگىلەر.

قەبرىلەرگە ئۇھسىنغانچە قارايمەن،

يۈگرەپ كەلسە ئەركىلىشىپ نەۋرىلەر.

 

يازغۇم كېلەر مۇھەببەتنى، سۆيگۈنى،

ھېسلىرىمدىن مۇڭ پۇرايدۇ، شاشلىق يوق.

بارغۇم كېلەر سۆيگەنلەرنىڭ قېشىغا،

تەندە مادار ، روھتا جىلۋە ياشلىق يوق.

 

تىترىسىمۇ بارماقلىرىم مۇدھىشتەك،

شېئىر ئۈچۈن بىر كۈچ مېنى ئۈندىسە.

قېنىۋالسام ئۇنىڭ ئىشقى- مېھرىگە،

بۇ سىرىمنى سۆيدۈرگەنلەر بىلمىسە.

 

باغرى تاشنىڭ باغرىدىكى گۈل

 

ئەي ئەزىزىم باغرى تاش دېمە،

مەن شۇ تاشنىڭ باغرىدىكى گۈل.

گۈل بولمىسا نەدە قۇش،  ناۋا؟

يىغلىمىغىن ۋىلىق - ۋىلىق كۈل.

 

ماڭا ئايان بولدى بەك ئۇزۇن

قېنىپ بىر رەت مۇڭداشمىغىلى.

مۇڭلىرىڭغا مۇڭ بولۇپ بىللە،

چېچىمىزنى يۇڭداشمىغىلى.

 

ئەي ئەزىزىم باغرى تاش دېمە،

تاشقا ئويۇپ قويسام لېۋىمنى.

سەن يوق يەردە مەن راستىنلا تاش،

ئېرىتەلمەس ھېچكىم دىلىمنى.

 

سەن شۇ تاشقا چېكىلگەن بىر گۈل،

باغرى تاشنى تاش دېمەي سۆيگەن.

توزىمىسۇن باغلاردىن قۇشلار،

ئەي ئەزىزىم سەن ماڭا ئىشەن.

 

سۆيۈپ قالىمەن بەلكىم

 

سېنى بىر چاغ كۆرگەنلىكىم راست،

ھەتتا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىم راست.

كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالسا،

قىزارغىنىم - كۈلگەنلىكىم راست.

 

بىراق، ساڭا ئاشۇ دەملەردە ،

ئويلىمىغان كۆيۈپ قېلىشنى.

ئاسىي بولۇپ بىرىنچى كۈيگە،

ھەم سېنىمۇ سۆيۈپ قېلىشنى.

 

مانا شۇندىن بېرى ياشىدىم،

تەڭلا دەسسەپ ئىككى قېيىققا.

ھەم چىدىدىم لېۋىمنى چىشلەپ،

غۇرۇر ئۇرغان ئاچچىق چىۋىققا.

 

بەلكىم مەڭگۈ سۆيۈپ قالىمەن،

بىر قەلبتە ئىككى يۈرەكنى.

چىدىمايمەن ئىللىق كۈيلىرىم،

تاللىساڭلار مەندىن بۆلەكنى.


بەلكىم مەڭگۈ سۆيۈپ قالىمەن،

دىل سىرلىرىم بولغۇچە ئايان.

رەنجىسەڭلار سورايمەن ئەپۇ،

مۇھەببەتتىن ياساپ زور قىيان.

 

قارلىقىڭنى يارلىق دېگۈم بار

 

سەزمەپتىمەن بۈگۈن بۇ كېچە،

قار يېغىپتۇ ئاپپاق ئىپەكتەك.

قارلىق تاشلاپ قويۇپسەن جېنىم،

دېرىزەمگە بەرقى چېچەكتەك.

 

يوچۇن كۆيۈپ يۈرسەم ئوتۇڭدا،

بەرمىگەنتىڭ ماڭا ھېچ تۇتۇق.

شەپە بەرسەم يېقىنلىرىڭدىن،

دېمىگەنتىڭ سۆزۈڭنى ئوچۇق.

 

بۈگۈن، ئۇشبۇ قىلىقلىرىڭنى،

قارلىق ئەمەس، يارلىق دەپ بىلسەم.

ئاچارسەنمۇ ئاھ، ماڭا قۇچاق،

گۈل كۆتۈرۈپ يېنىڭغا كىرسەم؟!

 

قىزىل يامغۇر

 

قىپقىزىل  يامغۇرلۇق خىلۋەت كوچىدا،

مەن يالغۇر - يېگانە كۆزلىرىمدە ياش.

شىۋىرلار قىپقىزىل ياپراقلار ئاڭا،

كىم بىرسى ئارقامدىن قىلىدۇ باخاش.

 

سۆيمەكتە تارتىنىپ يامغۇر بى سوراق،

قىپقىزىل يامغۇردەك مۇزلۇق لېۋىمگە.

ئەتراپقۇ بەك سوغۇق، ئەمما بىر سېزىم،

كىرمەكتە ئوت بولۇپ نازۇك تېنىمگە.

 

ئاھ، مېنىڭ باھارىم قىپقىزىل يامغۇر،

كەچكۈزنى قۇچاقلاپ كەلدىڭمۇ بالدۇر؟!

 

 

(ئاپتور: «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىدە)