باش بەت>شېئىر

سېغىنىش لېۋىگە قوندى بىر كاككۇك

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-03 19:54:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 

 

 ھۆرىيەت مۇھەممەت

 

يالغۇزلۇق

 

يالغۇز دەرەخنىڭ يېنىدىن ئۆتتۈم،

پورەكلەپ كەتتى ئۇنىڭ چېچىكى.

ئورماننىڭ چۈشلىرى قانمىدى بەلكىم،

ئوتتەك كۆيىدۇ قۇشلار تىلىكى.

 

سەھەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ ماڭىمەن،

يالغۇزلۇقنى كۈيلىمەك بولۇپ.

ئىشىكنى ئېتىشنى ئۇنتۇدۇم قەستەن،

لىققىدە خىيالدا چېچەكلەپ تۇرۇپ.

 

ئۇنتۇغىن غېرىبىم يالغۇزلۇقۇڭنى،

كىرپىكىڭ بېتىدە تۇرىمەن كۈتۈپ.

شاماللار قولۇڭنى تۇتسا ئاۋايلاپ،

يۈرىكىم ئېسەدەپ يىغلار ياش تۆكۈپ.

 

 

مەن سېنى سۆيەتتىم


(مەلىكە مۇھەممەتكە تەقلىد)

 

مەن سېنى سۆيەتتىم ئوتتەك يېلىنجاپ،

ئىشقىمدا بىر سېنى قالاتتىم كۈيلەپ.

كۆزلىرى ھەر مەھەل تۆكەتتى يامغۇر،

كۆيۈكنىڭ تەپتىدە دەمدەردەك ئۈنلەپ.

 

مەن سېنى سۆيەتتىم ئۈنسىز، ناۋاسىز،

ھىجراننىڭ تۈۋىدە گۈلدەك پورەكلەپ.

شېخىمدا مەي بولغان سېغىنىشىمنى،

جىسمىڭغا ئاساتتىم تاتلىق چېچەكلەپ.

 

مەن سېنى سۆيەتتىم نۇردەك چاراقلاپ،

مىڭ قۇياش تىلغايتتى باغرىمنى تىغدەك.

ئارمانغا تىكىلگەن غېرىب كۆڭلۈمنى،

تاشلايتتىم كەينىمگە تەلۋە بىر قىزدەك.

 

مەن سېنى سۆيەتتىم تاتلىق تۇيغۇدا،

سۈزۈك سۇ ئېرىققا پىچىرلىغاندەك.

يالپۇزلار كۆزىنى ئاچاتتى بىھوش،

سۆيگۈنىڭ قەسىمى پۈتۈلگىنىدەك.

 

مەن سېنى سۆيەتتىم باھاردەك، ئايدەك،

چاچلىرىم تەلپۈنۈپ بارماقلىرىڭغا.

ۋىسالنىڭ كوچىسى كۈلەتتى ھارماي،

كۆزلىرىم ئىزدىسە تۇيغۇلىرىمدا.

 

كۆيگەن سۇ

 

شامالنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ،

كۆيدۈرىمەن قىسمەتلىرىمنى.

شاخلاردا باھار كۆكلىدى جەزمەن،

ئېچىلدۇرۇپ چېچەكلىرىنى.

 

ئەينەكتەك سۇنۇق خىياللىرىدىن،

قۇتۇلارمەن ئايدىڭغا قاراپ.

سۇدەك ئەركىلەپ ئاقتىم ئېرىقتا،

مېھرىڭگە لىققىدە ئىشقىمنى باغلاپ.

 

يىراقلاپ بارماقتا ئىچىمدە بىر كۈي،

ئاۋازىم سۇنىدۇ شامال كۆزىدە.

سېغىنىش لېۋىگە قوندى بىر كاككۇك،

جىمىرلاپ قالىدۇ كۆيگەن بىر سۆزدە.

 

قىزىلگۈللەر چىقتى كوچىغا

 

تېرەكلەر، چېچەكلەر باھارغا قاراپ،

مايسىرەڭ ھاياتلىق كۈلىدۇ تاتلىق.

كۆڭۈل خارابىسىدە ياتىدۇ بىر قىز،

چاڭقايدۇ كۆزۈمدە مەڭگۈلۈك پاكلىق.

 

قولۇمغا ئالىمەن بارچە ئازابنى،

چىقىدۇ كوچىغا گۈللەر پورەكلەپ.

پۇرايمەن ناتونۇش بايرام ھىدىنى،

روھىمنى ياۋايى سۆيگۈدە بىلەپ.

ئەقىدەم ئېچىلار سۈزۈك چېچەكتەك،

ئىشقىمنى باغلىدىم سۇمبۇل چېچىمدا.

ئەگەشكەن شاماللار يىغلايدۇ يۇم - يۇم،

پىراقىم ئۇخلايدۇ گۈلنىڭ قېتىدا.

 

ئېيتاي دەردىمنى

 

كۆزلىرىمگە قارىغان يارغا،

ئېيتىمەن دىلىمدىن بارچە ھالىمنى.

تەشتەكتە ئۆستۈرگەن گۈللەرگە،

قانداقمۇ ئېيتىمەن سېغىنغىنىمنى؟!

 

بىلىپ بولدى كۆزۈمگە قاراپ،

بىر ھىجراندا قالغانلىقىمنى.

تاشلار ئۆكسۈپ كىرەر بىر تىلغا،

تۆكسەڭ ئەگەر پىغانلىرىڭنى.

 

كۆيۈپ كەتتى رىشتىمدەك ئازاب،

ئىككىمىز سۈكۈت قىلغان بىر جايدا.

قۇشلار پەيلىرىنى توزۇتۇپ،

قونار بەلكىم كۆڭۈل شېخىغا.

 

كۇلا - جەندىلىرىنى يىرتقان سۆيگۈ،

مەشرەپ غەزىلىنى تۆكەر ئارماندا.

تۇپراق بولۇپ يىقىلساڭ ئەگەر،

يىقىلارسەن بەلكىم باغرىمغا.

 

ئىككىمىزگە تۇتاشقان ئوتنى،

پۈۋلەپ تۇرار رەڭلەنگەن دۇنيا.

پورەكلەپ ئولتۇرۇپ ئېيتاي ھالىمنى،

كۆزلىرىمگە قارىغان يارغا.

 

باھار بولۇپ كىردىم ئۆزۈمگە

 

بوز تۇپراقتەك چاڭقىغان بولساڭ،

سۈزۈك سۇدەك ئاقتىم يولۇڭغا.

ئورمانلارنى سېغىنغان بولساڭ،

باھار بولۇپ كىردىم ھۇجراڭغا.

 

كىرگەن بولساڭ ئوتتەك تۇيغۇغا،

يۇلتۇزلارنى قوشتۇم لېۋىڭگە.

سېغىنىشلىق غېرىب خىيالدا،

باھار بولۇپ كىردىم ئۆزۈمگە.

 

تاشتەك خىيال باسسا مۈرەڭنى،

كۈلۈپ تۇرۇپ سۆيگىن ھاياتنى.

تاتلىق چۈشكە زار بولسا ئىشقىڭ،

باھار كەبى ئاتاي ئۆزۈمنى.

 

بايراملىق خىيال

 

باھار ھەدىيە قىلغان بايرامغا

يۈرىكىمنى قويدۇم كۆمتۈرۈپ.

چاپىنىمنى سېلىپ خىرامان

كەلدىم بۈگۈن

بايراملىق خىياللارنى كۆتۈرۈپ.

گۈل تۇتىدۇ

نازۇك كۆڭۈلگە

سۆز قوشىدۇ

سۈكۈتتىكى تىلىمغا.

ئۇنتۇلدۇرىدۇ

ئاياللىقىم پورەكلىگەن مەسئۇلىيەتنى،

مېنى ئۈندەيدۇ

قىزغىن، ئوتلۇق كوچىغا...

بايراملىق خىيال

تارتىنىپقىنا كىردى ھۇجرامغا.

ھەممە نەرسە ئۆز پېتى

كۆرۈنمەيتتى ئېسىل سوۋغىلار،

پورەكلەيتتى بېغىمدا

بىر ئۆزۈمنى كۈتكەن ئارمانلار.

خالاپ قالدىم

بىر دەستە گۈل تاپشۇرۇۋېلىشنى

ئىشىكىمنىڭ تۇيۇقسىز چېكىلىشىنى،

ئايدىڭنىڭ كۆزلىرىمدە پارلاپ تۇرۇشىنى.

بايرام خىيالى

داستىخاندا پورەكلەپ

كىرىپ كەتتى ئىچىمگە ئۈنسىز.

ئۆتكۈزدۈم بۇ كېچىنى

جېنىم مەن سەنسىز...

 

باھار ئارمىنى

 

سەنسىزلىكنىڭ ھىجرانى ئاستا،

يىقىلىدۇ ئالدىمغا تەكرار.

چىقىپ كېتىپ ئىچىمدىن بىر قىز،

ئىشىكىمنى چېكىدۇ زار - زار.

 

كۆكلىگەندەك يالپۇزلار قايتا،

كۆكلەپ كەتتى سېغىنىش ئەجەب.

ئاھ، باغرىمغا يىقىلدى ئاسمان،

ھىجرانلىرىم كۆزىنى نەمدەپ.

 

سۇدەك ئېقىپ كىرىسەن نېچۈن،

خىيالىمغا كىرىۋالغان قىز.

باھار كەلدى تارتىنىپ ئاستا،

قالدۇرايلى بېدىلىكتە ئىز.

 

(ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە سايباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)