باش بەت>شېئىر

سەن قۇملۇقتا ئېچىلغان چېچەك

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-03 20:01:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 

 

غازى ئوغلى

 

1

يۈرەكنى تىترەتكەن ياڭراق ئاۋازىڭ،

ھەر زامان ھوشۇمدىن تارتماس ئۆزىنى.

ئاۋازىڭ قەلبىمگە ئۆچمەس نىيازىڭ،

مەڭگۈ تاش باغرىغا يازار سۆزىنى.

 

بىر بۈيۈك ئورماننى قىلىدۇ ھەيران،

قۇلىقىم تۈۋىدە ياڭرىغان سادا.

ياپراقلار ئاۋازدا ئوينايدۇ لەرزان،

بەلكى بىر يۈرەكنى قىلىدۇ ئادا.

 

يەنە شۇ ئاۋازدا گۈللەر ئېچىلار،

باھارنى ئۆزىگە قىلىپ تەقەززا.

تىكەنلەر ئۆزىگە ئاچچىق سانجىلار،

بۇ تەقدىر - قىسمىتى ئەمەستۇر جازا.

 

قىيالار كۆكسىنى قويۇپ ھەيرەتتە،

ئاۋازىڭ يانىدۇ بىر ناخشا بولۇپ.

جىرالار ئاڭلايدۇ ئاشۇ سائەتتە،

چاڭقىغان باغرىمۇ چەشمىگە تولۇپ.

 

مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغان ئاۋازىڭ،

تاشلارغا نەقىشلەر بىر - بىرلەپ مېنى.

نىگاھىم ئالدىغا كېلىدۇ نازىڭ،

قالغان بۇ ئۆمرۈمگە پەرلەپ سۆيگۈنى.

 

2

سەن چەكسىز قۇملۇقتا ئېچىلغان چېچەك،

سەن قۇمغا ئايلانغان ياكى قۇم ساڭا.

ئۇچىدۇ پىراقىڭ باشىڭدا لېچەك،

ساناقسىز كۈيلىرىڭ پۇرايدۇ ماڭا.

 

قۇملارغا يازىسەن ئارمانلىرىڭنى،

ياكى قۇم سېنىلا قىلىدۇ ئارمان.

بىر چىمدىم سۆيگۈدە كارۋانلىرىڭنى،

ئۇزىتىپ قويىسەن، بېرىسەن دەرمان.

 

قۇملۇقنى قىزىتار سەندىكى ئاتەش،

ئۆچمەس بىر ناخشىدا يانار تىنىقىڭ.

(مەن ئاشۇ قۇملۇقتا ئىدىم ھارۋىكەش،)

لال قىلار ئالۋۇننى گۈزەل قىلىقىڭ.

 

كىملەرگە سۆزلەيسەن قۇمغا چۆمۈلۈپ،

چەكسىزلىك باغرىدا بىر تال گۈل بولۇپ.

شادلاندى قۇملارمۇ ساڭا كۆمۈلۈپ،

چاقنايدۇ ئەبەدلىك نۇرلارغا تولۇپ.

 

سەن چەكسىز قۇملۇقنىڭ سولماس گۈزىلى،

ياشايسەن ئۆزۈڭنى قۇملارغا يېزىپ.

سەن ئاتەش قەلبنىڭ پۈتمەس غەزىلى،

ياشايسەن ئىقبالىڭ، دەۋرىڭنى سىزىپ...

 

3

ئون بەش يىل ئاتتى تاڭ، يېرىلدى شەپەق،

ئېھ، ئانا، سەن سەپەر قىلغاندىن بېرى.

چۈشلىرىم بەزىدە قىلىدۇ ئەخمەق،

«كېلىدۇ» دەپ سېنى، سېغىنغانسېرى.

 

باغرىڭدا ئۆتكۈزگەن ئوتتۇز باھارغا،

بۇ ئون بەش باھارنى ئوخشىتالمىدىم.

سېنىڭ پاك روھىڭدىن تۆكۈلگەن قارغا،

چۆمۈلۈپ ئۆزۈمنى توختىتالمىدىم.

 

سەن سىيلاپ، پۇرىغان باشىمدا قۇندۇز

سەن كېتىپ بىر بىرلەپ ئايلاندى قارغا.

سەن ماڭا كۆرسەتكەن كۆكتىكى يۇلتۇز،

باشلايدۇ ھەر يىلى سەنسىز باھارغا.

 

باھارنىڭ نۇرىدىن ئىزدەيمەن سېنى،

كۆكسۈمدە يانىدۇ چەكسىز سېغىنىش.

بۇ ئەجەل ھىجرانى قىينايدۇ مېنى،

پۈتۈلگەن قەلبىمگە ئۆچمەس ئېچىنىش.

 

سېغىنىپ ئۆتىمەن، تۈگەيمەن ئاستا،

ئاجرايمەن ئۆزۈمدىن تۇپراققا قەدەر.

سېمايىڭ كۆرۈنەر گۈلدە، ياپراقتا،

ئەسلىتەر ھۆسنۈڭنى سەنسىز بۇ شەھەر.

 

ئۇرغىدىم ھاياتتا سەن بەرگەن سۈتتىن،

ماگمىلار قوينىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ.

جاپاغا سەن باققان تەمكىن سۈكۈتتىن،

ياشىدىم ئىقبالغا ئۈمىدتە بېقىپ.

 

تىلەيمەن تەقدىردىن روھىڭغا مەدەت،

پاكلىسۇن كەۋسەردە سېنى پەرىشتە.

قايتا جەم بولىمىز تاڭنا قىيامەت،

ساقلىغىن ئەي ئاتا مېنى ئەرشتە.

 

4

ۋاقىت يەلدەك ئۆتمەكتە ئىدى،

بۇ كۈنلەرنىڭ مەندە ئىشى يوق.

لېكىن مەندىن ۋاقىت ئايرىلدى،

مەن ۋاقىتتىن قالدىم بى تۇيۇق.

 

چۆكتۈرىدۇ ئۆزىگە مېنى،

نىيىتىمدىن مۇستەسنا زامان.

ۋاقىت دائىم قوغلاپ شەرتسىز،

يەتكۈزمەپتۇ ئارزۇغا ھامان.

 

بارچە ئارزۇ - ئارمانلىرىغا،

مەن ۋاقىتسىز يەتمەكچى بولدۇم.

ۋاقىتتىكى سەرسانلىقىمغا،

خەير دېدىم قولۇمنى قويدۇم.

 

5

تارىخمەن يېزىلسام، يېزىلمىسام مەن،

كەلگۈسۈم تارىختۇر كېتىدۇ ئۆتۈپ.

دۇنيانىڭ تارىخى ئەسلىي مۇجەسسەم،

قالغان ئۇ پەقەتلا بىزلەرنى كۈتۈپ.

 

راستىنلا ھاياتتا قىلىمىز كۈرەش،

بىر ئۇلۇغ مەقسەتكە يېتىشكە ھامان.

ھەممىنى باسىدۇ شادلىق، ئەنسىرەش،

بىزلەرنى يېتەكلەر مۇشۇنداق جەريان.

 

ھاياتنىڭ ئۆزى بىر كاتتا مۆجىزە،

پۈتۈلگەن تارىختىن بولمايدۇ ئارتۇق.

مەيلى سەن ياشىغىن، ئۆلگىن ئۆزگىچە،

پەقەتلا نېسىۋەڭ قىلىنغان تارتۇق.

 

(ئاپتور: شىنجاڭ «جەۋلان» ئادۋوكاتلىق ئورنىدا)