باش بەت>شېئىر

چېچەكلەر نازىدىن ئىزدە

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-03 20:30:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 

 

 ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن

 

كۈز

 

كەلدى تالقان تۆكتى چاغ خۇددى بېھىش ئەندازىدا،

جىلۋىسى زاھىر گۈزەللىكنىڭ چىمەنزار نازىدا.

تاشلىنار ياپراق ئارا كۆزگە ئانار، ئالما، ئۈزۈم،

شايى ئاستىدىن قىيا باققىن پەرى ئەلپازىدا.

زەپ ياراشقان باغۇ بوستانلارغا ئالتۇنرەڭ لىباس،

ھۆسنى ئالغان زەر تۈسىنى پەسلى كۈز پەردازىدا.

مىسلى زۇمرەتتەك سۈزۈلگەن كۆك يۈزى، ئويناق ئېقىن،

جۇش ئۇرار سۆيگۈ - ھاياجان ئەۋجى قۇشلار سازىدا.

باغلىنىپ كەتكەچكە جان رىشتى ئانا يەر ئىشقىغا،

ئەكس ئېتەر دەردى جۇدالىق تۇرنىلار پەرۋازىدا.

بارچە مەۋجۇدات ئاداققى ھۆسنىنى كۆز - كۆز قىلار،

مۇز تەلەت قىش گەرچە پايلاپ تۇرسىمۇ دەرۋازىدا.

كۈز پەرىسى ئىللىتار ئىشقىدا شائىر كۆڭلىنى،

كۆلتېگىننىڭ تۇرقى زاھىر پەسلى كۈز ئوبرازىدا.

 

مەكتەپ

 

جاھاندا مەرىپەت ھەم تەربىيەتنىڭ كانىدۇر مەكتەپ،

چىراغ پەرۋانىسىدەك ئەھلى ئىشىق جانانىدۇر مەكتەپ.

تېرەن تەكتىدە قىممەتلىك جاۋاھىرلار تولۇپ ياتقان،

پايانسىزلىقتا تەڭداشسىز بىلىم ئوكيانىدۇر مەكتەپ.

قۇيۇچنى تاۋلىغان يەڭلىغ چىداملىق ئۇستىكار پېچتا،

پاراسەت - ئاڭنى تاۋلاشتا ئەقىل خۇمدانىدۇر مەكتەپ.

گويا قۇش باچكىسىدەك كۆكسېرى ئۇچماققا تەلپۈنگەن

سەبىيلەرگە كۆيۈمچان ئۆز ئانا - غەمخانىدۇر مەكتەپ.

ئەقىلسىز باش ئامان تاپماس نادانلىقنىڭ بالاسىدىن،

نادانلىقنى يۇيۇپ، ئاقىل بولۇش جەريانىدۇر مەكتەپ.

نادانلارنىڭ دىلى پەرقلەنمىگەي گويا گۆرىستاندىن،

تەلەپكار ساپ، كۆڭۈللەرنىڭ نۇرى ئەفشانىدۇر مەكتەپ.

چوقۇم «ماڭغان ئۇزار، ياتقان قالار» تۇرمۇش بايانىدا،

تىرىشچانلىق، ھۇرۇنلۇقنىڭ سىناق مەيدانىدۇر مەكتەپ.

قەدىر بىلمەسلەر نە بىلسۇن، بىلەر زەر قەدرىنى زەرگەر،

بىلىم قەدرىگە يەتكەننىڭ تىلەك - ئارمانىدۇر مەكتەپ.

ئۆگەنمەك ۋەجى شۇ چەكسىز جاھان ئەسرارىنى بىلمەك،

كامالەتنىڭ قىياسىغا يېتىش ئىمكانىدۇر مەكتەپ.

جۇدۇنلاشقان جاھالەت لەشكىرىنىڭ ئالدىدا پاسىل،

پىداكار ئەھلى ئېرپاننىڭ پولات قورغانىدۇر مەكتەپ.

كۈيىدە كۆلتېگىن ئەتكەي ئۇنىڭ تەرىپىنى ئىزھار،

چۈشەنگەنگە بۇ ئالەمنىڭ بەخت رىزۋانىدۇر مەكتەپ.

 

چېچەكلەر نازىدىن ئىزدە

 

مېنى تاپماقچى بولساڭ، كۆكتە قۇش پەرۋازىدىن ئىزدە،

ساتار، قالۇنغا جان بەرگەن مۇغەننى سازىدىن ئىزدە.

تەبىئەتتىن تارالغان كۈي - تىۋىشلەرگە سىڭىپ كەتتىم،

مېنى شىلدىرلىغان ياپراق، چېچەكلەر نازىدىن ئىزدە.

سېھىر بەنت ئەيلىگەن جاننى يېشىل دەملەر، يېشىل ئارمان،

مېنى يۇرتنىڭ گۈزەل ئەييامى كۆكلەم - يازىدىن ئىزدە.

مۇھەببەتتىن تۇغۇلغاچ مەنزىلىم دەشتى جۇنۇنلۇقتۇر،

مېنى دىۋانە مەشرەپنىڭ يېتۈك ئوبرازىدىن ئىزدە.

پەقىر بىلگەي كۆرەڭلەر كۆڭلىدە، يۈرسەم سۈكۈت ساقلاپ،

مېنى مەيدان ئارا مەردانە شىر ئەلپازىدىن ئىزدە.

كۈشەندەم جان غۇرۇرۇمدىن تۇرار مىڭ گەز تۆۋەنلىكتە،

مېنى كۆرمەكچى بولساڭ تەڭرىتاغ ئەندازىدىن ئىزدە.

سادايىمنى ئۇلۇغ كارۋان سېپىدە كۆلتېگىن مىنگەن

تۆگە بوينىدىكى كولدۇرمىنىڭ ئاۋازىدىن ئىزدە.

 

نىگار كۆرسەتمىدى دىدار

 

پەرىزاتىم سېھىر جادۇسىدا جاننى ئەسىر ئەتتى،

غېرىب كۈلبەمنى نۇر ئاپتاپىدا ئالتۇن قەسىر ئەتتى.

كېيىنچە كۈن تۇتۇلغاندەك پەقەت كۆرسەتمىگەچ دىدار،

تولۇن ئايدەك جامالىنى كۆرۈشكە مۇنتەزىر ئەتتى.

جۇلالاپ توز كەبى چار باغىدىن چىقاندىمۇ، ئەپسۇس،

نىگاھىدىن قويۇپ چەتتە جېنىمغا مىڭ جەبىر ئەتتى.

يېشى توفانىدا غەرق بولدى جىسمىم، گۆھىرىم ئاقتى،

ۋاپاسىز يار مېنى ۋەسلىگە تەلمۈرتۈپ بەسىر ئەتتى.

نىگار ۋەسىفىنى كۈيلەپ كۆلتېگىن دىلپارە بۇلبۇلدەك،

سەنەمنىڭ نامىنى چىن دىلدا ياد، تىلىدا زىكىر ئەتتى.

 

ئىزتىراپ

 

كۆزلىرىڭ جادۇسى باشنى ئىلكىدە ئايلاندۇرار،

ناز - كەرەشمەڭ جاندا شەھۋەتنىڭ ئوتىنى ياندۇرار.

چاڭقىغانلار قانغۇچە لەئلى شارابىڭنى ئىچىپ،

تەندىكى ئىلمان قېنىنى قاينىتىپ جانلاندۇرار.

خاس ئۆيۈڭدىن چوڭ - كىچىك مېھمان ئۈزۈلمەس كۈنۈ تۈن،

ئەيشى - ئىشرەتتە كۆڭۈل تەشنالىقىنى قاندۇرار.

ئۇرغۇتۇپ ئىشقىي ھەۋەس يۇمران - ھارارەتلىك تېنىڭ،

جورىسى يوق مۇزلىغاننىڭ جىسمىنى چوغلاندۇرار.

سۆيگۈ، ئۇزلۇق تەختىدە ھازىر ئۆزۈڭ شاھىجاھان،

ساختا ماختاش، ۋەدىلەر كەيپى سېنى شادلاندۇرار.

سارغىيىپ بەرگى خازانغا ئايلىنارسەن بىر كۈنى،

كۈنبويى قىلساڭمۇ پەرداز ئۇزلىقىڭنى چاندۇرار.

بىرمۇ بىر تاشلاپ كېتىپ پەرۋانىلار - شەيدايىلار،

دىلكىشىڭ يوق، دەردلىرىڭ، تەنھالىقىڭ مۇڭلاندۇرار.

ئالدى-يۇ ئارقاڭدا ھەرگىز قالمىسا بىر ۋارىسىڭ،

پانىيدىن كەتكەندە كىممۇ چىرىغىڭنى ياندۇرار؟

قايسى بىر چاغلاردا يۈرگەچ ئىشتىياق تارتىپ ساڭا،

كۆلتېگىننى ئىزتىراپتا تەقدىرىڭ ئويلاندۇرار.

 

كۆرمىسە

 

ياخشىنىڭ قەدرىنى كىم بىلگەي ياماننى كۆرمىسە،

نە بىلۇر ئىشق دەردىنى رەڭگى ساماننى كۆرمىسە.

سايىدا يۈرگەن كىشى بىلگەيمۇ بوستان قەدرىنى،

باغرى چاڭقاشتىن يېرىلغان دەشت - ياۋاننى كۆرمىسە.

بىر قاراشتا ئەھلى ئاقىل قەدرىنى نەدىن بىلۇر،

ساق تېنىدىن چوڭ يوچۇق تەشكەن ناداننى كۆرمىسە؟

ئىشقى يوق بىلمەس جۇدالىقنىڭ ئازابى - دەردىنى،

شۇم ئەجەلدىن جان تالاشقان باغرى قاننى كۆرمىسە.

كىم بىلۇر لەۋزى ھالال، پازىل كىشىنىڭ قەدرىنى،

تىنىقى دۇت پۈركىگەن پەيلى قاۋاننى كۆرمىسە؟

كىم بىلۇر كارۋان جاپاسىنى خەتەرلىك يولدىكى

كوھىقاپنىڭ ئاغزىدەك ھاڭ - تىك داۋاننى كۆرمىسە.

ئەھلى ئىشقنى غەيرىي ھالەت - تۇرقىدىن مەجنۇن سانار،

بىئەقىللەر كۆلتېگىندەك تۇرفە جاننى كۆرمىسە.

 

مېنى يوقلاپ كېلەرسەنمۇ؟

 

ماڭا سالغان جۇدالىقنىڭ ئازابىنى بىلەرسەنمۇ؟

جېنىم ھەلقۇمغا يەتتى، بىر كۈنى يوقلاپ كېلەرسەنمۇ؟

نىگار، سەنسىز كۆڭۈلنىڭ خۇشلىقى تەرك ئەيلىگەن جاننى،

ۋىسالىڭدىن خۇشاللىق قاينىمىغا چۆمدۈرەرسەنمۇ؟

يۈرەكنىڭ چاڭقىقىنى قاندۇرۇپ لەئلى شارابىڭدا،

دىلىمنى يايرىتىپ بۇلبۇلگويادەك كۈلدۈرەرسەنمۇ؟

ۋە ياكى سۇدىن ئايرىلغان بېلىق يەڭلىغ ئېتىپ نىمجان،

پايانى يوق جۇنۇن دەشتىدە دائىم كۆيدۈرەرسەنمۇ؟

ھاياتلىق ۋە ماماتلىق قاش بىلەن كىرپىك ئاراسىدا،

ئازابلاپ كۆلتېگىننى ئىشىق ئوتۇڭدا ئۆلتۈرەرسەنمۇ؟

 

دىدار

 

نىگارىم كۆرسىتىپ دىدار مېنى بىھەد خۇشال ئەتتى،

پەرىزاتتەك گۈزەل تەننازىدا ئەقلىمنى لال ئەتتى.

ئۇدۇم بولغاچقا زاتىنى ئېسىل خۇلقى نازاكەتلىك،

نۇرىغا دۇر قوشۇلغاندەك ئۇنى ساھىبجامال ئەتتى.

تەبىئەت بارچە ئۇزلۇقنى سەنەم رۇخسارىغا جەملەپ،

چېكىتتەك بىر نەقىشنى قوندۇرۇپ مەڭزىمگە خال ئەتتى.

سەمەندەردەك كۆيۈپ سۆيگۈ ئوتىدا جان نىسار ئەتسەم،

كۆيۈكنىڭ دەردىگە ئەمچى بولۇپ چارە - ئامال ئەتتى.

يېرىلغان قاغجىراشتىن باغرى چۆلدەك جانۇ جىسمىمغا

بېرىپ لەئلى شارابىنى لېۋىمنى قەنۇ، بال ئەتتى.

قۇچاق ئاچقاچ ماڭا ئىشىق مەۋسۈمىدە بىر گۈزەل ئالەم،

تەسەۋۋۇر كەپتىرىم پەرۋازى سەۋدايى خىيال ئەتتى.

مۇھەببەتتىن تۇغۇلدۇم - قايتىدىن دۇنياغا كۆز ئاچتىم،

نىگار ئىشقى سېھىرلەپ كۆلتېگىننى تۇرفەھال ئەتتى.

 

(ئاپتور: «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ پېنسيونېرى)