باش بەت>شېئىر

ئانامسەن ۋەتەن

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-03 20:30:00 مەنبە:«قەشقەر» ژۇرنىلى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 

تۇرسۇن نىياز

 

ۋەتەنگە مۇھەببەت

 

ھاياتىمدا ۋەتەن سەنسىز ئۆتەي دەپمۇ ئۆتەلمەيمەن،

سېنىڭسىز بۇ جاھان زۇلمەت، كۆرەي دەپمۇ كۆرەلمەيمەن.

ئانا يۇرت مېھرىگە قانماق قىيىنكەن كۆكتە ئۇچماقتىن،

گۈزەل ھۆسنى - جامالىڭدىن كېچەي دەپمۇ كېچەلمەيمەن.

خىيالىمدا ھامان بىرسەن، كېچە - كۈندۈز بولۇپ جان - تەن،

سېنىڭدىن ئايرىلىپ زىنھار يۈرەي دەپمۇ يۈرەلمەيمەن.

پىراقىڭ ئالدىدا گۈلخان ئوتى ئۇچقۇنچىدۇر بەلكى،

ئوتۇڭدا كۆيگىنىم كۆيگەن ئۆچەي دەپمۇ ئۆچەلمەيمەن.

جاھان رەنالىرى مەيلى لېۋى جام مەي - شاراب تۇتسۇن،

ئۇنىڭدىن مەست بولۇپ - بىلمەي كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيمەن.

سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالماق ماڭا كۈلپەت - ماڭا ماتەم،

نىگار كۆڭلى ئۈچۈن بىر رەت سۆيەي دەپمۇ سۆيەلمەيمەن.

ئىلاھا، تەقدىرى قىسمەت ئەجەلگە مۇپتىلا قىلسا،

ھاياتىم رىشتىنى سەندىن ئۈزەي دەپمۇ ئۈزەلمەيمەن.

تەسەللى بەرمىسەڭ: «ئوغلۇم، دىبان، سەندىن ئاناڭ رازى»،

ئۆلۈمنىڭ شەربىتىن بەلكى ئىچەي دەپمۇ ئىچەلمەيمەن.

ۋەتەن ئىشقىدا جان بەرمەك ۋەتەن ئوغلىغا خاس خىسلەت،

نىيازى دەر: بۇ ئاداققى سۆز، ئەجەل كەلسە دېيەلمەيمەن.

 

كاشغەر

 

ئۇلۇغ سەن مېھرى - شەپقەتتە، ئانا دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

بۈيۈكسەن قەدرى - قىممەتتە، ئاتا دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

پەخىرلىك تارىخىڭ ھەر چاغ ماڭا ئىلھام بەخش ئەتكەي،

مۇبارەك زاتى ئۇيغۇرغا گۇۋاھ دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

 

تىلىم تەرىپكە ئاجىزدۇر، قۇچاقىڭ مىسلى بىر جەننەت،

جامالىڭ ئەلگە نۇر، ئاتەش - زىيا دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

گۈلىستان باغلىرىڭ ئىچرە تۈمەن قۇشلار ناۋا ئەيلەر،

چىمەن شەيداسى بۇلبۇلغا ئۇۋا دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

 

ئەزىز سەن ھىممىتىڭ بىرلە، نۇرانە خىسلىتىڭ بىرلە،

ئېگىلمەس قەددى - قامەتلىك چىنار دەيمۇ سېنى كاشغەر.

ئۆلۈككە جان ئاتا قىلغان تەۋەررۈك تۇپرىقىڭ - خاكىڭ،

بىمارنىڭ دەردىگە دەرمان، شىپا دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

 

سېنىڭ نامۇ نىشانىڭسىز بوۋامنى تونۇماس ھېچكىم،

ئىجازەتسىز ساڭا بۇ نام راۋا دەيدۇ سېنى كاشغەر؟

يۈسۈف، مەھمۇد دىيارى دەپ قەدىرلەيدۇ جاھان ئەھلى،

سېنى كۆرمەككە ھەر ئىنسان خۇمار دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

 

غۇرۇرۇم، شەۋكىتىم - شانىم ۋۇجۇدۇڭغا ئويۇلغان چىڭ،

مېنى ياۋدىن ئامان ساقلار تۇمار دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

ساڭا سادىق بالاڭدۇرمەن، دەقىقە ئۇنتۇلۇپ كەتسەم،

ئىرادەمگە مۇخالىپ بۇ گۇناھ، دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

 

ئانا دەيمۇ سېنى كاشغەر، ئاتا دەيمۇ سېنى كاشغەر،

ھاياتىمغا كېرەك سۇ، قان، ھاۋا دەيمۇ سېنى كاشغەر؟

ئۆزۈڭ سەن تاجىدار تەختىم، ناۋادا ئۆلگۈدەك بولسام،

مازار ماتەم ئەمەس بۇ توي - ساما دەيمۇ، سېنى كاشغەر؟

 

2014-يىلى 29-ئاپرېل

 

ئانامسەن ۋەتەن

 

1

 

مەن سېنى نېمىگە ئوخشىتاي ۋەتەن،

بىر ئۆمۈر سېنى دەپ ئۆتتۈم جاھاندىن،

رازىمەن، نېمە دەپ چۈشەنسەڭ مېنى.

ۋە لېكىن ئاجىزمەن قەلەمدە ۋەتەن،

سۆز تېپىپ جايىدا يېزىشقا سېنى.

مەن سېنى، نېمىگە، كىمگە ئوخشىتاي،

ئېيتقىنا ئايغىمۇ ياكى كۈنگىمۇ؟

ياكى مەن چېكەمگە ئارزۇلاپ قىسقان،

باغدىكى خۇشپۇراق قىزىلگۈلگىمۇ؟

قۇياشقا ئوخشاتسام ناۋادا سېنى،

قۇياشمۇ تاڭدا بار، ئەپسۇس تۈندە يوق.

كۆكتىكى پارلىغان ئايغا ئوخشاتسام،

ئۇ پەقەت تۈندە بار، بەلكى تاڭدا يوق.

باغدىكى چىرايلىق گۈللەرگە باقسام،

گۈللەرمۇ ئېچىلار يازدا - باھاردا.

قۇرۇيدۇ بىز كۆرگەن نازۇك گۈلچىمەن،

زىمىستان قىش پەسلى قالسا تالادا.

(شۇ سەۋەب نېمىگە ئوخشىتاي سېنى،

كەچۈرگىن، خاتاغا يول قويسام مېنى) .

 

2

 

بالىلىق چېغىمدا خىيالىمدا سەن،

مەن ياتقان بۆشۈككە ئوخشايتتىڭ ۋەتەن.

بۆشۈكتىن ئايرىلسام سۈت بېرىپ باققان،

ئانامنىڭ كۆكسىگە ئوخشايتتىڭ ۋەتەن.

 

ئۆسمۈرلۈك چېغىمدا ئېسىمگە ئالسام،

تۇغۇلغان يۇرتۇمغا ئوخشايتتىڭ ۋەتەن.

قەدىردان دادامنىڭ قولىدا پۈتكەن،

شۇ ئاددىي كەپەمگە ئوخشايتتىڭ ۋەتەن.

 

نەۋ باھار ياشلىقنىڭ قىران چاغلىرى،

ئوخشاتتىم مەن سېنى سۆيگەن جانانغا.

جان دېسەم جان بەرگەن، سۇ دېسەم كەۋسەر،

مېھرى ئوت، قەلبى نۇر مېھرىبانىمغا.

 

(شۇ سەۋەب مەن سېنى سۆيدۈم جان ۋەتەن،

بىر ئۆمۈر ئايرىلماس بولۇپ يار ۋەتەن).

 

3

 

ئەمدى مەن سەن كۆرگەن بالا ئەمەس مەن،

ۋە ياكى ئۆتكەنكى بەڭۋاش ياش يىگىت.

ئالدىڭدا تۇرغىنى ئاپپاق چاچ بوۋاي،

ھاياتلىق قۇرىغا قويۇلغان چېكىت.

 

ئەمدىكى ھەر مىنۇت، ھەر بىر دەقىقە،

مەن ئۈچۈن غەنىيمەت، ئاداققى نىشان.

جىسمىمنى كۆتۈرۈپ تۇرغان تۇپرىقىڭ،

بىلىمەن جېنىمدەك ئەزىز، قەدىردان.

 

لاپ ئەمەس، ھەر قەدەم باسقان يولۇمدا،

سەن ماڭا ھەمراھ سەن دېسەم قېشىمدا.

ئارتۇقچە تەكەللۇپ، ماختاشمۇ ئەمەس،

بار دېسەم، ھەر نەپەس ئالغان چېغىمدا.

 

تۇغۇلسام كۈچ - قۇۋۋەت جان بەردىڭ ماڭا،

ھالال تەر - ئەجرىڭدىن نان بەردىڭ ماڭا.

ھەقلىقمەن، نېمە دەپ كۈيلىسەم سېنى،

يېتىشقا ئۆلگەندە جاي بەردىڭ ماڭا.

 

مەن سېنى نېمىگە ئوخشىتاي ۋەتەن،

ئېيتقىنا ئايغىمۇ ياكى قۇياشقا؟

بولدى - بەس! ئاي، يۇلتۇز يىراقتۇر مەندىن،

كۆنگەن مەن ئانام دەپ سېنى ئاتاشقا.

 

(ئاپتور: قەشقەر شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپتە)