ئابلىمىت قۇربان ساباھى
يۇيۇنۇپ زەڭگەرسىمان يۈز ئاچتى ئاسمان كۈز كېلىپ،
ئىچتى ئالتۇندىن بوياق – رەڭ باغۇ بوستان كۈز كېلىپ.
كەڭ يېزا – گۈلشەندە زوق – شوخ بىرلە بارچە بەيگىدە،
قاينىدى مېھنەت ناۋاغا چۆمدى ھەريان كۈز كېلىپ.
پاختىزارلار بىپايان، ھەر تال غوزەك گۈل – ئەتىردەك،
ئۈزىشەر ئۇندا كارابتەك ھۆرۇ غۇلمان كۈز كېلىپ.
شال، قوناق، زاغۇن – زىغىر چەشلەندى گويا تاغ كەبى،
چاقىنتار كۆزلەرنى پىشقان ئۈنچە – زەردان كۈز كېلىپ.
ئوخشىغان قوغۇن، ئانار، ئالما، ئۈزۈمدىن بال تامار،
داستىخان سالماققا تەييار ئۆيدە جانان كۈز كېلىپ.
كاۋا، كۆكتات تېرىغانغا ياغدى ئامەت ئۈستىلەپ،
سودا ئوبدان ئاقچا – پۇلغا تولدى ھەميان كۈز كېلىپ.
يىل بويى تۆككەن ھالال تەر – ئەجرىنىڭ قەنتىن چىقىپ،
تۇشمۇ – تۇشتا بەزمە – مەشرەپ تۈزدى دېھقان كۈز كېلىپ.
‹‹ياتمىغىن ياستۇقنى قىرلاپ، بول قانائەتتىن يىراق،
كەلگۈسىگە تۈز پىلان›› دەپ بەردى پەرمان كۈز كېلىپ.
بوز يېرىپ يەر ئاچقىلى ئۆستەڭ – ئېرىقلار چاپقىلى،
ماڭدى مەردلەر تاڭ سەھەردە ئاشتى دەرمان كۈز كېلىپ.