باش بەت>شېئىر

ئەلنى مايىل قىلدىڭلار

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-18 11:28:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

تۇرغۇنجان ئابلا تېرىمى

يۇرتىمىزدا پارلىدى قوۋناق ھايات مېۋىسى،

دەۋر روھى خۇش ئەيلەپ يەتكەچ يېڭى قەدەملەر.

ۋۇجۇدىنى دېھقاننىڭ بىرخىل خۇشلۇق چىرمىدى،

قاياققىدۇر يوقالدى سۆرۈن چىراي رەقەملەر.

ئالقىنىڭلار ئېچىلدى دېھقانلارنىڭ بەختىگە،

شان – تۆھپەڭلەر بىر ئۆمۈر دىلدا داستان بولغۇسى.

دەريا بولدى مېھرىڭلار ئاجىز، يوقسۇل، يېتىمگە،

خامانلىرى ئۇلارنىڭ ئالتۇن چەشكە تولغۇسى.

بولدى يوللار ئاسفالت، ئېرىق – ئۆستەڭ، يول ھەيۋەت،

توي – تۆكۈننىڭ غېمىگە ياسداق زال سېلىندى.

چېھرىڭلاردا تەبەسسۇم، چېھرىڭلاردا مۇھەببەت،

كەنت، مەكتەپ قورۇسى نۇر قونغاندەك بىلىندى.

ئەلگە خىزمەت قىلدىڭلار، ئەلنى مايىل قىلدىڭلار،

ئەقىدەڭلار ئىزلىرى مەڭگۈلۈككە نۇر چاچار.

بەرىكەتلىك قەدەملەر زىنھار توختاپ قالماڭلار،

دېھقانلارنىڭ قەدرىنى قىلغان ھامان قۇت تاپار...