باش بەت>شېئىر

مۇشۇ يۇرتقا سىڭىپلا كەتتۇق

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-18 11:44:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

ـ بىر كادىرنىڭ خاتىرىسىدىن

باتۇرجان ئاتاخان

چىن يۈرەكتىن كۆيۈشنى بىلدۇق،

يۇرت قەرزىنى چۈشەنگەچ ۋىجدان.

بولساق دەيمىز كۆكلەپ باغرىدا،

يېشىل نۇردا چاقنىغان ئورمان.

بىز ئاشۇ ئارزۇدا ياشىغان كادىر،

بېزەپ دىلنى مەسئۇليەت بىلەن.

‹‹خەلق››، بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ نام،

نەقەدەر شەرەپ ‹‹چاكار››لىق دېگەن.

خەلقنىڭ ئىچىدە خەلق بار ئەمما،

كۆپلىرى تىرىشچان، بەزىسى ھۇرۇن.

ھۇرۇنلار ئۈچۈن كۈچىدۇق بەكمۇ،

بولۇپ ئاڭا دوست، بولۇپ ئىچ قويۇن.

مۇشۇ يۇرتقا سىڭىپلا كەتتۇق،

تىرىشتۇق، رايىنى دەپ خەلقنىڭ ھەدەپ،

ئۈلگىمۇ بولدۇق، ھەيدەكچىمۇ ھەم،

ئىخلاس، ئەقىدىنى دىللارغا جەملەپ.

بىر ھەقىقەتنى چۈشەندىم مۇنداق،

ياخشى خەلق چىقاركەن ياخشى كادىرنى قېزىپ.

دەيمەن ئۆزۈمگە تېخى يول ئۇزۇن،

بېغىشلاش روھىڭ قالمىسا ھېرىپ.