باش بەت>شېئىر

كادىرلارغا گېپىم بار

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-18 11:47:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى

ئورۇنلاشتى كەنتلەرگە،

سالاپەتلىك كادىرلار.

خالىس نىيەت، ئاق كۆڭۈل،

خىزمىتىگە ماھىرلار.

قىزى يوققا قىز بولدى،

ئوغلى يوققا ئۆز ئوغۇل.

ياخشى ئىشى ئۇلارنىڭ،

بەكمۇ تولا، بەكمۇ غول.

ئۆيگە كىرىپ مۇڭداشتى،

ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ.

مۇقىملىقنى چىڭ تۇتتى،

ۋەزىيەتنى تىزگىنلەپ.

توك كەلتۈردى مەلىگە،

يورۇپ كەتتى چىراغلار.

ئىشقا ئاشتى ئارزۇلار،

تۈگەپ غەمۇ پىراقلار.

ياساپ بەردى يوللارنى،

مەبلەغ قىلىپ، پۇل قىلىپ.

كۆچەت تىكىپ تۇتقۇزدى،

ئەتراپلارنى گۈل قىلىپ.

دوختۇرخانا قۇرۇلدى،

ساغلام بولدى تېنىمىز.

داۋالىنىش بەك ياخشى،

ئارام تاپتى جېنىمىز.

پاراۋانلىق ئۆيلىرى،

قېرىلارنىڭ جەننىتى.

يەسلى، باغچا ھەممىسى،

كادىرلارنىڭ ھىممىتى.

ئىلغار ئۇسۇل قوللانغاچ،

ئاشتى ئۇدا مەھسۇلات.

ئىشلەتكەچكە ئىش تېپىپ،

كىرىم بولدى قاتمۇ – قات.

يېڭى سالغان ئۆيلەردە،

قىزىپ كەتتى مەشرەپلەر.

چۈشۈپ كەتتى ئۇسسۇلغا،

كادىر بىلەن ئەشرەپلەر.

كادىرلارغا كەنتتىكى،

رەھمىتىم بار، گېپىم بار.

مېنى كىمكىن دېسەڭلار،

‹‹دېھقان›› دېگەن ئېتىم بار.