باش بەت>شېئىر

چاقناپ تۇرار قوي كۆز يۇلتۇزلار

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-25 16:41:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

 ئابابەكرى ئابلىز       

 سەھرا قىزى

كىرپىكلىرىڭ تاڭدا ئۆسكەن قىياقتەك

سايە تاشلار بۇلاق كەبى كۆزۈڭگە.

باغلىرىڭدا خەندان ئۇرغان بۇلبۇللار

مەھلىيادۇر بالدەك شېرىن سۆزۈڭگە.

ئىشچانلىقىڭ تەرىپلىنەر داستاندەك،

كۆڭلۈڭ مىسلى يورۇپ تۇرغان ئايۋاندەك.

لاتاپىتىڭ ئوت دەردىنى كۈل قىلار،

تىنىقلىرىڭ خۇش پۇرايدۇ رەيھاندەك.

ئەدەپ – ئەخلاق ئاسمىندا يۇلتۇزسەن،

مەھەللىدە ئەڭ چىرايلىق بىر قىزسەن.

كەشتە تىكەر بارماقلىرىڭ يۈرەككە،

گۈزەللىكنىڭ بابىدا چىن يالغۇزسەن.

گۈل قاقلىنار يۈزۈڭدىكى ئاپتاپقا،

دىل زوقلىنار لېۋىڭدىكى شەربەتتىن.

شاماللارنى يەلپۈگەندە چاچلىرىڭ،

مەجنۇنتاللار ئېگىلىدۇ ھەسرەتتىن.

يوللىرىڭدا ساقلاپ تۇرار سەھەرلەر،

ئاڭلىغىلى مۇقامىڭنى جاراڭلىق.

چۈشۈڭدىكى چۆچەكلەرنى ئوقۇيدۇ،

ئاي نۇرى ۋە ھويلاڭدىكى باراڭلىق.

قېشىڭ كامان، مېڭىشلىرىڭ خىرامان،

مەھەللىنى مەست قىلىدۇ خۇش ھىدىڭ.

مەن بولغاندا ئاسمىنىڭدا ئاق بۇلۇت،

يۇلتۇزۇمدەك چاراقلىغان قىز ئىدىڭ.


ئالما ئۈزۈپ بېرەي مەن سىزگە


كۆڭلىڭىزنىڭ ئاسمانلىرىدا

چاقناپ تۇرار قوي كۆز يۇلتۇزلار.

بېغىڭىزنى ئورار شادلىققا

سېۋەت تۇتقان بىر توپ شوخ قىزلار.

چېچەكلىگەن نەشپۈتلەر ئاپئاق،

بىز ئۇچراشقان تۇنجى باھاردا.

ھېس قىلغانتىم قەدەملىرىمىز

ئۇچراشقاندەك گويا ئاق قاردا.

پەر قاققانتى تەبەسسۇمىڭىز،

لېۋىڭىزدىن ئۇچقاندا قۇشلار.

داۋالغۇغان كۆڭۈل كۆلچىكىم

كۆزىڭىزدىن ياغقاندا نۇشلار.

قەدەملىرىم قالاتتى توختاپ،

يۈزىڭىزدىن چىقسا تولۇنئاي.

ئىچىمدىكى ناۋاكەش راۋاب،

چېلىنغانتى مۇھەببەتكە باي.

ئالمىلارەي مەي باغلاپ قاپتۇ،

سىز تولغاندەك ئون سەككىز ياشقا.

دېرىزىڭىز مارايدۇ مېنى،

تەلپۈنگەندەك تاڭلار قۇياشقا.

مەڭزىڭىزدەك قىزىرىپ پىشقان،

ئالما ئۈزۈپ بېرەي مەن سىزگە.

قولىڭىزنى تەڭلىگەن چاغدا

كېلەمدىكىن تىلىم گەپ – سۆزگە؟

تويدىن – تويغا ئۇلاشسۇن تويلار

رەنا قىزلار – بەرنا يىگىتلەر،

تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

ئۈنچە كەبى چاچاي بېيىتلەر،

تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

ئاسايىشقا تولماقتا كۈنلەر،

چېھرىڭىزدىن يايرار كۆڭۈللەر.

ياراشقاندەك باھارغا گۈللەر،

تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

بىر دەرەخكە قونسا ئىككى قۇش،

ياپراقلاردا شولىلار بىھوش.

قۇچاق ئاچسۇن گۈللەردەك تۇرمۇش،

تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

بەخت تىلەر سىلەرگە چال – ياش،

يېرىلغۇسى يۈرەكلەردە تاش.

ئۈستۈڭلاردا نۇر چاچار قۇياش،

تويۇڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

قاينار قىزغىن ناخشا ۋە ئۇسسۇل،

لېۋىڭلاردا سايرايدۇ بۇلبۇل،

مەست قىلىدۇ دۇتارنى مەرغۇل،

تويۇڭلاغا مۇبارەك بولسۇن.

ئات بولىدۇ بىر كۈنى تايلار،

بىر ھېكمەتتۇر ئۆتكەن يىل، ئايلار.

تويدىن – تويغا ئۇلاشسۇن تويلار،

تويۇڭلاغا مۇبارەك بولسۇن.