باش بەت>شېئىر

كۈز ناخشىلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-25 17:16:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

 مۇھەممەدروزى ئابدۇقادىر

 پاختا قىز

پاختا قىز ئېتىزدا تۇرىدۇ كۈلۈپ،

تۇرنىلار جور بۇلار خىياللىرىغا.

ئۇ گويا مۇھەببەت ئاپئاق ئېچىلىپ

يۈز تۇتقان ئىللىق كۈز شاماللىرىغا.

سۇلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار مەيىن،

ئايلانغان يۈرىكى ئىسسىق ئۇۋىغا.

ساقلايدۇ سۈپسۈزۈك ئارمانلىرىنى،

تەگكۈچە بىراۋنىڭ ئىلكى – قولىغا.

سۆيگۈ قونغان سەھرا مەڭزىگە

ھۇزۇرلىنىپ كۈز ئاپتىپىدىن،

ئۇچۇشماقتا ھەرىلەر خۇشال.

ئاڭلىنىدۇ ناخشا ئاۋازى،

كەيىپ بولغان قىرلاردا شامال.

ھارۋىسىغا باسقىنىچە چۆپ،

ئۆتۈپ كېتەر قىزىرىپ چوكان.

مۇھەببەتنىڭ سۈزۈك سۇلىرى،

يۈرەكلەردە ئاقىدۇ پىنھان.

چۈمۈلىلەر يامىشار پۇتقا،

قوناقزارلار ئالتۇن رەڭگىدە.

كۈن ئەتىرگۈل ئېچىلغان تولۇق،

سۆيگۈ قونغان سەھرا مەڭزىگە.

مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتماقتا سۇلار

مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتماقتا سۇلار،

تىرەكلەر سالامدا تۇرار ئېگىلىپ.

كۈز مەڭزى قىزارغان ئۈمىدلىرىدىن،

باغلاردا مېۋىلەر پىشقان نازلىنىپ.

دالىلار خىيالچان جۇۋانغا ئوخشاش،

تۇرنىلار پەرۋازى سۆيىدۇ كۆكنى.

قۇشقاچلار نەغمىدە يۈرەر ئېتىزدا،

ئاپتاپلار ئالدۇرار دېھقانغا بۆكنى.

شاھزادە خورازلار، شايى تۈتۈنلەر،

توپىلىق تاملارغا يۆلەنگەن بەخت.

تەلمۈرەر قىزچاقنىڭ سۇمبۇللىرىغا،

سۇ تۇتۇپ قىرلاردىن يانغان بوز يىگىت.

كۈز يېنىمدا ياتار سوزۇلۇپ

كۈز يېنىمدا ياتار سۇزۇلۇپ،

كەيىپ بولغان قارا كۆزلىرى.

يوپۇرماقلار قىزىرار ئاستا،

چاقىرماقتا دەريا سۇلىرى.

بوشىماقتا ئېتىزلار ئاستا،

ئالمىزارلار تاراتماقتا ھىد.

توپىلىق يول باغرىدا شېئىر،

يۇلتۇز بولۇپ پارلايدۇ سۈكۈت.

پىچىرلىدى دەرەخ بىردىنلا،

كەلدى پەسلەپ ئاقارغان بۇلۇت.

ئاسمان قەلبى كۆپكۈك شۇ قەدەر،

دالىلارغا يېيىلماقتا قۇت.

سەھرا

پارلاپ تۇرار ئاي ئاسمىنىدا،

شارقىراتما بىرىدۇ سادا.

مۇھەببەتكە تارتماقتا پېلەك،

سۈكۈتلەرگە بۆلۈنگەن دالا.

چىغىر يوللار قىسسىلەرگە باي،

ئاشىقىلارنىڭ ئىزىدا زىيا.

ساددىلىقتۇر بېزىكى نۇرلۇق،

داستانلارغا كۆمۈلگەن قىيا.

تاشلار سۆزلەپ ياتىدۇ كۈلۈپ،

شائىر بولغان پادىچى بالا.

ئاڭلىنىدۇ دۇتار ساداسى،

كەيىپ بولغان كەڭلىكلەر ئارا.