باش بەت>شېئىر

بۇلبۇل بولۇپ گۈلزارىڭنى كېزەيمۇ

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-25 17:25:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

ئابدۇلئەھەت داۋۇت شېئىرى

 بالكونىڭدا گۈللەر بىلەن تۇرۇپسەن،

گۈلدىن ئايرىش تەس بولدىغۇ جىسمىڭنى.

سەندىن ھۆسن تالىشىپتۇ گۈللىرىڭ،

قايسى گۈل سەن، تاپالمىدىم ئىسمىڭنى.

داۋا ئىزدەپ بالكونىڭغا تەلمۈرسەم،

دەرد قاچامغا ئۈستىلەپ دەرد تولدۇردۇم.

ئۇسسۇلۇق بەر ۋىسالدىن، دەپ شىۋىرلاپ،

تىلىكمنى كۈي شەكلىدە قالدۇردۇم:

بۇلبۇل بولۇپ گۈلزارىڭنى كېزەيمۇ،

غۇنچىلاردىن گۈل دەستىسى تىزايمۇ؟

سايراپ – سايراپ سۈبھىگىچە چاڭىلداپ،

گۈللىرىڭنىڭ چۈشلىرنى بۇزايمۇ؟!