باش بەت>شېئىر

جۇلا قىلدى يۈزلەردە ئاپتاپ

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-25 17:45:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

تەلئەت جېلىل

 ئاتۇش ئۇسسۇلى

قان تومۇردا جۇش ئۇرۇپ ئاقتى،

ئوت ئىچىدە بېقىشتى كۆزلەر.

تەن تىلىدا ئىزھار قىلىندى،

كۆڭۈلدىكى يوشۇرۇن سۆزلەر.

قىزىپ كەتتى مەيدان مىسالى

قازاندىكى قاينىغان چايدەك.

ئاقتى سىرغىپ گوياكى يۈرەك،

ئوتنى كۆرۈپ ئېرىگەن مايدەك.

تەكشى، لەرزان، ئاھاڭ، تەرتىپكە

ئىختىيارسىز چۈشتى قول ۋە پۇت.

چاققانلاشتى يېنىك قەدەملەر،

كۆك ئۈستىدە ئۈزگەندەك بۇلۇت.

جان يايرىدى قۇياش كۈلگەندەك،

جۇلا قىلدى يۈزلەردە ئاپتاپ.

بۇ ئۇنتۇلماس گۈزەل كارتىنا

كەتتى يۈرەك قېتىغا ئورناپ.

سەن سۆزلەرگە جان بەردىڭ

ــ مەھمۇد كاشغەرىگە يادنامە

سۆزلەرگە سۆزلەر بىلەن جان بەردىڭ،

سۆزلەرگە سۆزلەر بىلەن قان بەردىڭ.

سۆزلەرنى سۆزلەر بىلەن سۇغىرىپ،

سۆزلەرگە سۆزلەر بىلەن گۈل تەردىڭ.

سۆزلەرنى سۆزلەر بىلەن ماڭدۇرۇپ،

سۆزلەرگە سۆزلەر بىلەن يول ئاچتىڭ.

سۆزلەرنى سۆزلەر بىلەن قۇياشلاپ،

سۆزلەرگە سۆزلەر بىلەن نۇر چاچتىڭ.

كانسۇنىڭ ئوتى

لاۋۇلدايدۇ كانسۇنىڭ ئوتى،

يالقۇن بولۇپ ھەر بىر يۈرەكتە.

چىراي ئېچىپ كانسۇنىڭ يۈزى،

كۆرۈنىدۇ ھەر بىر چېچەكتە.

سەگىتىدۇ كانسۇنىڭ سۈيى،

چاڭقاق – تەشنا دىلنى قاندۇرۇپ.

ئۈستۈن تۇرار كانسۇنىڭ تېشى،

زەرنى كۆزدىن چەتتە قالدۇرۇپ.

كۆكنى سۆيگەن كانسۇنىڭ تېغى،

بولۇر جەسۇر قۇشلارغا ئۇۋا.

تاڭنى چىللاپ كانسۇنىڭ يولى،

شەپەقلەردە قىلىدۇ جۇلا.