باش بەت>شېئىر

دوستلۇق كۈيى

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-14 13:06:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

ئابدۇۋېلى ئابدۇراخمان تىجەن

 

دوستلار بىلەن كۆڭۈل توق ئىكەن،

دىلدا قىلچە غۇبار يوق ئىكەن.

دوستلۇق كۈيى ياڭرىغان چاغدا،

قىز – يىگىتلەر ئەجەب شوخ ئىكەن.

 

خۇشال كۈلۈپ يايراڭلار دوستلار،

بۇلبۇل بولۇپ سايراڭلار دوستلار.

قاناتلانسۇن ئارزۇ – تېلەكلەر،

ئارقىدا ھېچ قالماڭلار دوستلار.

 

دوستلار بىلەن جاھان كۈلەركەن،

ئىجاد بىلەن زامان كۈلەركەن.

شىجائىتىڭ بولسا يېڭىچە،

مېھنەت بىلەن ماكان كۈلەركەن.