باش بەت>شېئىر

كۈز پەسلىدە مەن قوي باققان توغراقلىق

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-14 13:26:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

موھەممەدروزى ئابدۇقادىر

كۈز پەسلىدە مەن قوي باققان توغراقلىق،

يوپۇرمىقى خۇش پۇراقلىق بىر ئاسمان.

يەلپۈنىدۇ مۇھەببەتتەك شاخلىرى،

ئۇسسۇل ئوينار شىۋاقلىرى شادىمان.


ئالتۇنرەڭدە جۇلالايدۇ ھەر سەھەر،

تۇرنىلىرى ئېلىپ كېلەر سېغىنىش.

يېزىقلىرى باردۇر قەلبىم بېتىدە،

بەرق ئۇرار ئەتىرگۈلدەك بىر تىۋىش.


قىرىق ياشقا كىردى ئىزلار يېيىلىپ،

ئېقىنلاردا كىچىك روزى ئۈزىدۇ.

يىڭناغۇچنى قوغلاپ يۈرەر كەينىدىن،

قومۇشلۇقلار ئەسلىمىگە سىڭىدۇ.


يانتاق باسقان كىچىك دۆڭلەر، بېسىلغاق،

تۈگە تاپان، ئۇچۇپ يۈرگەن توزغاقلار.

ئۆتتۈم ياندىن قولنى ئاستا ئۇزىتىپ،

بەردى سۆيگۈ يۈرىكىمگە ئاپتاپلار.