باش بەت>شېئىر

سەن ئۇلۇغ نىجاتكار بىزگە پارتىيەم

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-14 13:29:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

قۇربانجان توختى ئازىق

سەن ئۇلۇغ نىجاتكار بىزگە پارتىيەم،

مىڭ قۇياش تەپتى بار سەندە ھەرقەدەم.

كۈنگەيلەر ئاپتاپلىق تەسكەيلەرمۇ ھەم،

چۈنكى سەن ياراتتىڭ گۈزەل بىر ئالەم.

 

سەن بولغاچ باياشات ئۆتمەكتە كۈنلەر،

كەلمەسكە كەتتى ئۇ قاپقارا تۈنلەر.

مىننەتدار خەلقىمنىڭ يۈرەك تارىدىن

چېلىنىپ كەلمەكتە يىپيېڭى كۈيلەر.

 

سەن ماڭغان يول داغدام جۇلالايدۇ ئىز،

يېڭى ئۇزۇن سەپەرنىڭ تۇغلىرى ئېگىز.

سەن بەرگەن جاسارەت – شىجائەت بىلەن،

يول ئالدۇق ئەتىگە سانسىز ئوغۇل – قىز.

 

بەختىيار مەيگە رام قەلب پىيالەم،

تۈگىمەس شەنىڭگە ئالقىش – مەدھىيەم

تۆھپەڭگە تەسۋىرىم يېتىشمەس، چۈنكى

سەن ئۇلۇغ نىجاتكار بىزگە پارتىيەم.