باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

پوسكام ناھىيەسىنىڭ ھەسىلى ۋە ماتىڭى يەرمەنكىدە بازار تاپتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29 22:28:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لو ۋېيشەن، ۋاڭ شېڭلى خەۋىرى: قەشقەر سودا يەرمەنكىسىنىڭ  2- كۈنى پوسكام ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى كۆرگەزمە رايونلىرى زور بىر تۈركۈم مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

   بۇ ناھىيەنىڭ پوسكام يېزىسى، ئايكۆل يېزىسىنىڭ تەبئىي، زىيانسىز ھەسىلى ۋە ئىككىسۇ يېزىسىنىڭ ماتىڭى سودىگەرلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدە ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. پوسكام ناھىيەسىنىڭ «ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى» كوپراتىپىدىكى ئابلىمىت باراتنىڭ كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا، سورايدىغان، تېتىپ باقىدىغان، سېتىۋالىدىغان، زىيارەت قىلىدىغان، شۇنداقلا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. خاربىندىن كەلگەن بىر سودىگەر شۇ كۈنىلا ئىككى توننا ھەسەل سېتىۋالغان بولۇپ، خاربىندا سېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدىغانلىقىنى دېدى. ئىككىسۇ يېزىسى «ئالتۇن كۈز» دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان ئەنئەنىۋى مىللىيچە يېمەكلىك ياڭاق ماتىڭى، ياڭاق، بادام، قۇرۇق ئۈزۈم ئارىلاشتۇرۇلغان ماتاڭ كۆرگەزمىدىن ئورۇن ئالدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلىقى تۇرسۇنقادىر ئەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئالدىن كېلىپ ماتاڭ ئالىدىغان مېھمانلار ئىنتايىن كۆپ، شۇ كۈنىلا 100نەچچە يېشىك ساتتىم. يەنە «گەنجى» تورى، شاڭخەيلىك سودىگەرلەرمۇ تېلېفون ئۇرۇپ سۈرۈشتۈردى. مەن مەھسۇلاتلىرىمنى توردا سېتىش ۋە بىۋاستە سېتىش شەكىللىرىدە ھەمكارلىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.