باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

پوسكامنىڭ «خۇشىن» ماركىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكىلىتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكىلىت ياسىمىچىلىقى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-26 13:33:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    ۋاڭ شېڭلى، لو ۋېيشەن خەۋىرى. 6-ئاينىڭ 25-كۈنى پوسكام ناھىيەسىدىكى «خۇگاڭ» توكىسكىلىت ياسىمىچىلىقى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «خۇشىن» ماركىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكىلىت 12-نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، بۇ ماركىدىكى يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكىسكىلىت ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەمدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكىسكىلىت ياسىمىچىلىقى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى.

   12-نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە «خۇشىن» ماركىلىق يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكىلىت ياخشى ئىقتىدارى، ئۆزگىچە تاشقى قىياپىتى ۋە بىر قەدەر يۇقىرى نوپۇزى بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكىلىتقا دىققەت قىلغاندىن باشقا، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىمۇ بەس - بەستە يايما ئورنىغا كېلىپ، توكسىكىلىتنىڭ ئىقتىدارى ۋە باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىنتايىن قىزىقتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسى بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سانائەتنىڭ تەرەققىيات قارىشى، يېشىل سانائەت توپى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى، «خۇگاڭ» يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكىلىت ياسىمىچىلىقى دەل مۇشۇ يېشىل سانائەت تەرەققىيات قارىشى ئاساسىدا پوسكام ناھىيەسىگە ماكانلاشتى. ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسىدىكى «خۇگاڭ» توكسىكىلىت ياسىمىچىلىقى چەكلىك شىركىتى مەخسۇس يېڭى ئېنېرگىيەلىك توكسىكىلىت لايىھەلەش، تەتقىق قىلىش، ئېچىش، ياساش ۋە مۇلازىمەت قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال توكسىكىلىت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولۇپ، بۇ شىركەتكە 520 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە بىر قەدەر كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغان. بۇ شىركەت ئاساسلىقى توكلۇق پىكاپ، توكلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، توكلۇق ساياھەت ئاپتوموبىلى، ساقچى ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان توكلۇق چارلاش ئاپتوموبىلى، يېنىك تىپتىكى توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلى، تاشيول سۈپۈرۈش ئاپتوموبىلى، ئامبارغا يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ تۈردىكى 20 نەچچە خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.