باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

مەكىت ناھىيەسى قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدىن پايدىلىنىپ قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرماقچى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-22 18:16:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   يىن شىنخۈي خەۋىرى: يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسى قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن 800 پارچىدىن كۆپرەك مېيىپلەر قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ، قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدىن پايدىلىنىپ بازارنى كېڭەيتىپ، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرماقچى بولدى.

   مەكىت ناھىيەسىدىكى «ئاتلان» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ «يىنئېخۇا» شۆبە شىركىتى يەرلىكتىكى دېھقانلار ئاممىسى ئۆزى تەشكىللىگەن ھەمكارلىق كوپىراتىپى شەكلىدىكى شىركەت. نۆۋەتتە، بۇ شىركەتتە 30 نەچچە نەپەر مېيىپ ئايال ئىشلەيدىغان بولۇپ، مەھسۇلاتلارنى سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۇلار قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇرىدىغان مەھسۇلاتلارنى جىددىي تەييارلىماقتا.

مېيىپ ئايال ئالتۇنگۈل ئابلىخەت مۇنداق دېدى: قەشقەر سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەشتە بۇيۇملىرى، نەقىشلەنگەن قاپاق ۋە ئەتلەس، دۇخاۋىدىن تىكىلگەن كارىۋات ياپقۇچ، يوتقان كىرلىكى قاتارلىق قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تەييارلىدۇق، بىز تەييارلىغان قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.