باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

تاجىكلارنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىي بۇيۇملىرى قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-29 22:15:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لىن جيەنشىڭ خەۋىرى: 12 - نۆۋەتلىك قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆرگەزمە ئورنى «پامىر» مەدەنىيەت ئالاھىدە مەنزىرىسى چەكلىك شىركىتى مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش نەتىجىلىرىدىن دوكلات بېرىش شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

   تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، تاجىك ئاياللىرى كەشتە تىكىش، نەقىش ئىشلەشكە ماھىر، ئىلغار مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى تاجىكلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، «پامىر» مەدەنىيەت ئالاھىدە مەنزىرىسى چەكلىك شىركىتى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى لايىھەلىگۈچىلىرىنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى يەرلىك مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇستىلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇستىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

   قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە «پامىر» مەدەنىيەت ئالاھىدە مەنزىرىسى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان رەقەملىك مەھسۇلات، چاق - چۇق بۇيۇملار، ياغاچتىن ياسالغان مەھسۇلاتلار قاتارلىق سەككىز تۈردىكى 126 خىل مەھسۇلات نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.