باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

شېھىتدۆڭ يېزىسى «دولان يەرلىك قوغۇنى» تېرىپ بېيىشقا يۈزلەندى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-10 14:17:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئەمەر خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىل مەكىت ناھىيە شېھىتدۆڭ يېزىسى سۇ، تۇپراق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېھقانلارنى يېشىل، زىيانسىز بولغان «دولان يەرلىك قوغۇنى» تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى. نۆۋەتتە 1000 مو «يەرلىك دولان قوغۇنى» دىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندى. ھازىر كۈنىگە 30 توننا قوغۇن ئىچكى جايلارغا يۆتكەلمەكتە.