باش بەت>ئالاھىدە مەھسۇلات

شىنجاڭنىڭ يەرلىك ساپال بۇيۇملىرى جىڭدېجېن بىلەن بىرلىكتە «جاھان كەزدى»

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-25 18:17:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

 

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: ئوبۇلتالىپ ھاجى ئۆزىنىڭ جىڭدېجېن ئىنىستىتۇتىغا كېلىپ، فارفۇر بۇيۇم ياساش كۇرسىدا ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالارىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدى، جۇڭگودىكى داڭلىق ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قېلىشىنى بولسا خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىن ئېشىپ، ئۆزى ياسىغان ساپال بۇيۇملارنىڭ خەلقئارالىق ساپال بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدە «چاقنايدىغان»لىقىنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەنىدى.

ئۆكتەبىردىكى جىڭدېجېن ئاللىقاچان كۈز پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، ھاۋاسى ساپ، گۈيخۇا گۈلىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، مانا مۇشۇنداق گۈزەل كۈنلەردە بۇ يەردە 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو جىڭدېجىن خەلقئارا ساپال بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلمەكتە ئىدى، ئوبۇلتالىپ ھاجىنىڭ يۇقىرىدىكى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرىپ باقمىغان ئارزۇلىرى بولسا مانا بۇ كۆرگەزمىدە ئەمەلگە ئېشىۋاتاتتى.

 

يېڭىلىق: ئەتلەس بىلەن ساپال ئۇچراشتى

 يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئوبۇلتالىپ ھاجىنىڭ ساپال بۇيۇملىرى بىر-بىرلەپ 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو جىڭدېجىن خەلقئارا ساپال بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدە «چاقناش»قا باشلىدى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن خېرىدارلار ئۇنىڭ ساپال بۇيۇملىرىنى ئورىۋېلىشتى.

 مۇخبىر ئوبۇلتالىپ ھاجىنى ئۇچراتقان ۋاقىتتا، ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ساپال بۇيۇمغا ئىشلەۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەپچىل قولى كىچىككىنە ھۈنەر پىچىقىنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىپ، چىرايلىق، نەپىس بىر ساپال بۇيۇمغا ئەتلەس نۇسخىسى چۈشۈردى.

ئوبۇلتالىپ ھاجى، بۇ يىل 34 ياش، شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ساپال قول ھۈنەرۋەنچىلىك 8-ئەۋلاد ۋارىسى، ئۇ كەسپىنى ناھايىتى سۆيىدۇ.

 «مەن سەككىز ياشتىن باشلاپ ئائىلەمدىكىلەردىن ساپالچىلىقنى ئۆگەنگەن، زاماننىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ساپال بۇيۇملارنى سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا كۆرىدىغان بولدى، شۇڭا، مەن ئەنئەنىۋى ساپال بۇيۇملارغا ئەتلەس نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ بېقىش خىيالىغا كەلدىم» دېدى. 

 

ۋارسلىق: ساپال ھۈنىرىگە ۋارسلىق قىلغۇچىنىڭ ۋارسلىق ئارزۇسى

«بۇ قېتىم مەن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، ساپال بۇيۇملىرىمنى ئەمدى تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە قىلىمەن» دېدى ئوبۇلتالىپ.

 كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جياڭشى جىڭدېجېننىڭ ساپال بۇيۇملىرى ئەڭ ياخشى، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، دېيىشىدۇ.

 ئەمەلىيەتتە، ئوبۇلتالىپ جىڭدېجېندا ئۆگىنىش جەريانىدا تېخنىكا جەھەتتىن ئەمەس بەلكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى جەھەتتىن بەكرەك بىلىم ئالدى. ئۇ «بۇ ھۈنەر ماڭا بوۋام-دادامدىن مىراس قالغان، مەن 8-ئەۋلاد ساپالچى، ساپال ياساش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، بىراق، مەن بۇ كەسىپكە ۋارسلىق قىلىشىم، شىنجاڭنىڭ بۇ قول ھۈنەر-سەنئىتىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشۈم كېرەك» دېدى.

  

تەرەققىيات: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ساپالچىلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا

 ئەمەلىيەتتە، ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئوبۇلتالىپتەك قول ھۈنەرۋەنلەر ئاز ئەمەس، بۇ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ساپالچىلىق مەدەنىيىتىنى 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قىلغان.

 ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ساپال بۇيۇملىرىنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، 9-ئۆكتەبىر، جياڭشى جىڭدېجېن ئىنىستىتۇتى ئاقتۇ ناھىيەسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ياساش، سېتىش، تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھەر يىلى 30 نەچچە ئاقتۇلۇق ساپال قول ھۈنەر ئۇستىسىنى تەربىيەلەپ بېرىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئېسىل قول ھۈنەر-سەنئىتى يەنە بىر قەدەم تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى.