باش بەت>مەدەنىيەت

«شەيدائى» ئەسەرلىرىگە ئەل شەيدا

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-07 16:40:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:

 

ئەنۋەرجان مەتنىياز، قەمەردىللا دولقۇن


سۈرەتتە: نىياز كېرىم شەرقىي، كىرىم خوجا، قۇربانجان روزى شەيدائى قاتارلىق خەتتاتلار 10 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاتلانغان قەغەزگە نەق مەيداندا ھۆسنخەت يازماقتا.


بۇنىڭغا قاراڭلا، بۇ خەت بەك ئېسىل چىقىپتۇ جۇمۇ.

 پاھ، ماۋۇ ئەسەر ھەقىقەتەن جەزبىدار ئىكەن. «ئادەملەردىن ھېچ بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىپ سورىما، ھەتتا ئات ئۈستىدە قامچاڭ قولۇڭدىن چۈشۈپ كەتسىمۇ ئۆزۈڭ چۈشۈپ ئال». بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بۇ ئەقلىيە سۆزى تەلىق خەت شەكلىدە نامايان بوپتۇ...

داڭلىق خەتتاتلارىن نىياز كېرىم شەرقىي، قاينام جاپپار، كېرىم خوجا قاتارلىقلار 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئامما بىلەن بىللە پەيزاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق پېشقەدەم كادىر خەتتات، رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قەشقەر رەسساملىق، خەتتاتلىق يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تونۇلغان خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ «تۇرمۇشنى ئىپادىلەپ، سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، ئىناقلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولايلى» تېمىسىدىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، سىپتا، رەڭدار، ئۆزگىچە يېزىلغان ھۆسىنخەتلەردىن ھۇزۇرلاندى ۋە ئىلمىي باھالارنى بېرىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىدىن مەمنۇن بولۇشتى.


سۈرەتتە: قۇربانجان روزى شەيدائى ئوقۇغۇچىلارغا كومپيۇتېر تەقدىم قىلماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، پەيزاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ، رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تەشكىللىگەن، قەشقەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭ «جاسارەت» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «سەردار» ئېلان مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 10 نەچچە كارخانا ھەمكارلاشقان بۇ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇستاز خەتتات نىياز كېرىم شەرقىي، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بىر قىسىم شائىر، ئەدىب، يازغۇچى، سەنئەتكارلار، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 1500 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. نىياز كېرىم شەرقىي ئەپەندى قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا قوشقان تۆھپىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا  يەنە قۇربانجان روزى شەيدائى بۇ ناھىيەدىكى ئۆگىنىشتە ياخشى 10 نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن خاتىرە كومپيۇتېر تەقدىم قىلدى.

بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ بۇ ناھىيەدە «ئۈچ ئەل» خىزمىتى جەريانىدا تۇرغان بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە يېزىپ چىققان 100 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسنخەت ئەسىرى قويۇلغاندىن باشقا، كۆپ يىللىق تەجرىبىسى ئاساسىدا ياساپ چىققان «شەيدائى» ھۆسنخەت قەلەملىرى، «شەيدائى» ئەبرۇ قەغەزلىرى، شۇنداقلا خەتتاتلىققا ئائىت قۇراللار قويۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمە ئەھلىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتى. پائالىيەت داۋامىدا ئۇنىڭ «قۇتادغۇبىلىكتىن ئۈنچىلەر» ناملىق كىتاب ئاساسىدا ئىشلەنگەن  كەڭلىكى 48سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى  60 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 22 كىلوگىرام كېلىدىغان، 680 بەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىنبىر چوڭ ھەجىملىك ھۆسنخەت كىتابى مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار تەرىپىدىن 50 مىڭ يۈەنگە سېتىۋېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆرگەزمىگە قويۇلغان بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرى ۋىلايىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار تەرىپىدىن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ سېھرىي كۈچى نامايان قىلىندى. كۆرگەزمە ئاخىرىدا نىياز كېرىم شەرقىي، كىرىم خوجا، قۇربانجان روزى شەيدائى قاتارلىق خەتتاتلار 10 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پاتلانغان قەغەزگە نەق مەيداندا ئۆز ئۇسلۇبلىرى بويىچە ھۆسنخەت يېزىپ، كۆرگەزمە ئەھلىنى يەنە بىر قېتىم ھاياجانغا سالدى.


 سۈرەتتە: ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.

بۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بويىچە  ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، نىياز كېرىم  شەرقىي قاتارلىق داڭلىق خەتتاتلار قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسى ۋە ئۇ نەشر قىلدۇرغان توققۇز پارچە ھۆسنخەت  كىتابىغا  يۇقىرى باھالارنى بەردى ھەمدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا نەققاشلىق ۋە ھۆسىنخەتلەرنى بېرىكتۈرۈشتە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. قۇربانجان روزى شەيدائى ئەبرۇ سەنئىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبىسىنى تونۇشتۇردى.


سۈرەتتە: ئامما كۆرگەزمە كۆرمەكتە.

قۇربانجان روزى شەيدائى 1969 - يىلى  3-ئايدا قەشقەر شەھىرىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1991 - يىلى شىنجاڭ تەمىنات - سودا مەكتىپىنىڭ مۇپەتتىشلىك كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ۋىلايەتلىك چاي - چارۋا مەھسۇلاتلىرى شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشكەن. ئۇنىڭ «قۇربانجان روزى شەيدائى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى»، «شەيدائى كومپيۇتېر خەتتاتلىقى»، «خوتەن قەغىزى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» ناملىق كىتابلىرى، ھۆسنخەت شەكلىدە يېزىپ چىققان «قۇتادغۇبىلىكتىن ئۈنچىلەر 1، 2، 3، 4»، «سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىيلىرى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. 2012 - يىلى «ۋەتەننى ئەڭ ئوتلۇق يۈرەك بىلەن سۆي» ماۋزۇلۇق ھۆسىنخىتى جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك ساقلاش شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2014 - يىلى  1- ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ يېزىقلىرىمىز»  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نامىدىكى يېزىقى بار مىللەتلەرنىڭ خەتتاتلىق ۋارىسلىرى كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ زور داغدۇغا قوزغىغان. بىر پارچە ئەسىرى دۆلەتلىك مۇزېيى تەرىپىدىن ساقلاپ قېلىنغان. 1999 - يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇنىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىكى يىغىپ ساقلىغۇچىلار ۋە مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. 2001 - يىلى «16 - نۆۋەتلىك خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يىغىنىنى تەبرىكلەش  شەيدائى خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى خوتەن شەھىرىدە ئېچىلىپ زور تەسىر قوزغىغان. ئۇ مەدەنىيەت منىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى كۆزگە كۆرۈنگەن خەلق سەنئەتكارى»، ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئەخلاق ۋە سەنئەتتە تەڭ يېتىلگەن خەتتات»، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئەخلاق ۋە سەنئەتتە تەڭ يېتىلگەن سەنئەتكار» دېگەن ناملارغا نائىل بولغان. 2013 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «تۆھپىكار خەتتات» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى كورېيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرگەزمىگە قويۇلغان. 2013 - يىلى كورېيەدىكى دۇنيا تىل- يېزىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ باغچىسىدىكى تاش ئابىدىگە ئويۇلغان.


سۈرەتتە: قۇربانجان روزى شەيدائى ئىجادىيەت ئۈستىدە.


قۇربانجان روزى شەيدائى ئەسەرلىرىدىن تاللانما