باش بەت>مەدەنىيەت

پامىر روھى مۇجەسسەملەنگەن بۈركۈت ئۇسسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-28 19:30:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 


ليۇ شاشا


 

تاجىك بۈركۈت ئۇسسۇلى ۋارىسسىز قالمىدى

 

  يېقىندا تاجىك بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ ۋارىسى مەرەمخان ئادىلنى زىيارەت قىلدىم، ئۇ «بۈركۈت ئۇسسۇلى»دا ھېسسىيات قانداق ئىپادىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. مەرەمخان ئادىل يەنە زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تاجىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، «بۈركۈت ئۇسسۇلى» مەدەنىيىتى يوقالغىنى يوق، دېدى. زىيارەت جەريانىدا مەرەمخان ئادىل تەلىپىمنى يەردە قويماي، يان تېلېفوندىكى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ تاجىك ئۆرپ-ئادىتى مۇتەخەسسىسى مادارخان بارۇن بىلەن بىللە شوخ بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئويناپ بەردى. بىلىشىمچە، ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر تاجىكلار توي-تۆكۈن، ھېيت-بايرام ۋە ئۇرۇق-تۇغقان يىغىلىشلاردا بۈركۈت ئۇسسۇلى ئوينايدىكەن، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن بۇ ئۇسسۇل تاجىكلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى.

مەرەمخان ئادىل: «بۈركۈت ئۇسسۇلى تاجىكلارنىڭ تۇرمۇشىدا خۇددى تاماق يېيىش، ئۇخلاشقا ئوخشاشلا مۇھىم، ئۇ تىرىك مەدەنىيەت. تاجىكلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ قىيىن. تاجىكلار بالا چېغىدىن باشلاپلا بۈركۈت ئۇسسۇلى ئۆگىنىدۇ، ئادەتتە بالىلار بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئۆزلىرىلا ئۆگىنىۋالىدۇ، ئۆيىدىكىلىرىمۇ ئۆگىتىدۇ، ماڭالايدىغان، گەپ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسىلا بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئوينىيالايدۇ. ئەل ئارىسىدا ھېيت- بايرام، توي-تۆكۈنلەردە پۈتۈن كەنتتىكىلەر يىغىلىپ بۈركۈت ئۇسسۇلى ئوينايدۇ، بالىلارمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۆگىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بۈركۈت ئۇسسۇلىنى زادى قاچان ئۆگىنىۋالغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدۇ»، دېدى.

مادارخان بارۇن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەسىر بەكلا ئاز. بۈركۈت ئۇسسۇلىنى مىسالغا ئالساق، ھازىر بۈركۈت ئۇسسۇلىمۇ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، بىر خىلى سەھنىدە ئوينىلىدىغان بۈركۈت ئۇسسۇلى، يەنە بىر خىلى ئىپتىدائىي بۈركۈت ئۇسسۇلى. ئالدىنقىسىدا گۈزەللىك مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل ئېلېمېنتى ۋە زامانىۋى ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى قوبۇل قىلىنغان، ئىپتىدائىي بۈركۈت ئۇسسۇلى بولسا تەبىئىي شەكىللەنگەن ئۇسسۇل بولۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنىڭ ئوينىغىنى دەل مۇشۇنداق بۈركۈت ئۇسسۇلىدۇر. ھازىر ياشلار زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە زامانىۋى ئۇسسۇلنىڭ بەزى ھەرىكەتلىرىنى بۈركۈت ئۇسسۇلىغا قوشۇپ ئوينايدۇ، ئەمما بۇ بۈركۈت ئۇسسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ ئاساسىي ئېكولوگىيەسىنىمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ. تاجىك مەدەنىيىتى يەنىلا ئۆزىنىڭ خاس ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان».

 

مۇھەببەت رىۋايىتى قارلىق تاغدىكى ئۇسسۇلنى ۋۇجۇدقا چىقاردى

 

  مادارخان بارۇن مۇنداق دېدى: «تاجىكلارنىڭ بۈركۈتكە چوقۇنۇش تارىخى بەكمۇ ئۇزۇن، بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ پەيدا بولۇشىدا مۇھەببەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر تەسىرلىك رىۋايەت بار، بۇ ھەم بۈركۈت ئۇسسۇلىنى بىر ئەر، بىر ئايالنىڭ ئوينىشىدىكى سەۋەب. ئەلۋەتتە يالغۇز كىشىلىك بۈركۈت ئۇسسۇلى، كوللېكتىپ بۈركۈت ئۇسسۇلىمۇ بار، ئەمما بەك ئاز. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى بىر جۈپ تاجىك قىز-يىگىت مۇھەببەتلىشىپتۇ. ئەمما ئىككىلىسى قۇل بولۇپ، قۇللارنىڭ ئۆز ئالدىغا توي قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. زالىم قۇلدار ئۇلارنىڭ ئىشىنى بايقاپ قېلىپ، يىگىتنى بەكمۇ يىراق تاغقا ئىشلەشكە ئەۋەتىۋېتىپتۇ ھەم قىز بىلەن كۆرۈشتۈرمەپتۇ. ئەمما يىگىت قىزنى مىنۇت-سېكۇنتمۇ يادىدىن چىقارماپتۇ. بىر كۈنى، ئۇ بۈركۈت ئۇچقاندا قانىتىدىن تولىمۇ يېقىملىق ئاۋاز چىقىدىغانلىقىنى بايقاپ قاپتۇ-دە، ئۆلگەن بۈركۈتنىڭ قانات سۆڭىكىدىن بىر نەي ياساپ چاپتۇ. قىز يىراقتىكى نەي ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يىگىتكە بولغان سېغىنىشى كۈندىن- كۈنگە كۈچىيىپ، كۈنبويى يىگىت پادا باقىدىغان ئېگىز تاغقا تەلمۈرىدىكەن. ئۇ بۈركۈتنىڭ كۆك قەھرىدە ئەركىن ئۇچۇپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ: <ئەگەر مەنمۇ بۈركۈتكە ئايلىنىپ، ئاشىقىمنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ بارالىغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى-ھە>، دەپ ئويلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈركۈتنىڭ قانات قېقىش، ئايلىنىش، ئۇچۇش ھەرىكەتلىرىنى دوراپ، بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئويناپ، ئاخىرى يىگىتنىڭ يېنىغا كەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق ۋىسالىغا يېتىپتۇ! شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بۈركۈت ئۇسسۇلى بىلەن نەي تاجىك خەلقى ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇسسۇل ۋە چالغۇغا ئايلىنىپ، ھېيت-بايراملاردا نەي چېلىنىپ، بۈركۈت ئۇسسۇلى ئوينىلىدىكەن»

مەرەمخان ئادىل مۇنداق دېدى: «تاجىكلارنىڭ مۇزىكىسى باشقا مىللەتلەر ئاز ئىشلىتىدىغان 7|8 ئۇدارلىق مۇزىكا بولۇپ، بۇ ئۇدارغا كەلتۈرۈپ يېنىك، لەرزان قەدەم ئېلىنىپ، ئىككى قولدا بۈركۈتنىڭ ئۇچقان ھالىتى دورىلىدۇ. ھازىر بۈركۈت قوغدىلىدىغان ھايۋانات قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئوۋلاش مەنئى قىلىندى، شۇڭا ھازىرقى نەيلەر سولياۋ ماتېرىيالدىن ياسالغان، ھەقىقىي بۈركۈت ئۇستىخىنىدىن ياسالغان نەي تاجىكلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالدۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقى ھېسابلىنىدۇ».

 

ۋارىسلار بۈركۈت ئۇسسۇلىنىڭ ئەسلىي پۇرىقىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ

 

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدە ھەممىلا ئادەم بۈركۈت ئۇسسۇلىنى ئوينىيالايدىغان تۇرسا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى قانداق تاللىنىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئۆلچەم نېمە؟ 70 ياشتىن ئاشقان مەرەمخان ئادىلنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى بولۇپ تاللىنىشىدىكى سەۋەب، كۆپچىلىك ئۇ ئوينىغان بۈركۈت ئۇسسۇلىدا «ئەسلىي پۇراق» ساقلانغان دەپ قارايدىكەن. مادارخان بارۇن مۇنداق دېدى: بۇ «پۇراق»نى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش بەكمۇ قىيىن، ئىشقىلىپ ئۇ ئوينىغان بۈركۈت ئۇسسۇلى ئەسلىي ھالىتى، ئەسلىي ئۇسلۇبىنى ساقلىغان بۈركۈت ئۇسسۇلى، ئەگەر ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىلا كۆزدە تۇتىدىغان ئىش بولسا، ھازىر مەرەمخان ئادىلدىن چىرايلىق ئوينايدىغانلار كۆپ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇسسۇلىدا مەرەمخاننىڭ ئۇسسۇلىدىكى ئۇنداق «پۇراق» يوق.

مادارخان باروننىڭ قارىشىچە، بۇ يەردىكى «پۇراق» نۇرغۇن ئامىلدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ ھەم ئۇسسۇلچىنىڭ قارىشى، سالاپىتىنى، ھەم ئۇسسۇلچىنىڭ ھەرىكىتى، روھىي ھالىتى، ھەتتا تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى بولغاندىن كېيىنمۇ، مەرەمخان ئادىلنىڭ تۇرمۇشىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولماپتۇ. ئوخشىمايدىغان يېرى، ھۆكۈمەت شاگىرت يېتىشتۈرۈش، ئىپتىدائىي بۈركۈت ئۇسسۇلىنى تارقىتىش ئۈچۈن يىلدا 10 مىڭ يۈەن خىراجەت بېرىدىكەن. مەرەمخان ئادىلنىڭ ھازىر 15 شاگىرتى بولۇپ، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇلار مەرەمخان ئادىلنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇسسۇل ئۆگىنىدىكەن.
  مەيلى بۈركۈت ئۇسسۇلى ياكى تاجىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش بولسۇن، مادارخان بارۇن ۋە مەرەمخان ئادىل زور ئىشەنچكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى تاجىك مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقى ئاتا قىلغان. تاجىكلارنىڭ يۇرت قارىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار بەكلا ئاز ئىكەن، سىرتتا ئىشلەيدىغانلارمۇ ھامان تاشقورغانغا قايتىپ كېلىدىكەن. مۇشۇنداق مۇھىت بولغاچقا، تاجىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىپتۇ ۋە ساقلىنىپتۇ.

 



(«شىنجاڭ دېھقانلار گېزىتى»دىن ئېلىندى)