باش بەت>مەدەنىيەت

ئۇيغۇرلاردا ھويلا- ئاران مەدەنىيىتى ۋە ئۈجمە

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-28 19:25:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

 ئابلىز ئۆمەر ھاجى

 

   شىنجاڭنىڭ مېۋە- چىۋە ماكانى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان بۇلاق، دەريا- ئۆستەڭلەرنى چۆرىدەپ يۇرت- ماكان قۇرۇشقا ۋە ياشاش مۇھىتىنى كۆكەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە سۇ ۋە يېشىللىق ھاياتلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئەقىل- پاراسەتلىك، ئەمگەكچان ئەجدادلىرىمىز كۆچەت تىكىشنى ياخشىلىق دەپ قاراپ، ھويلا- ئارانلىرىغا ۋە كوچا- كوي بويلىرىغا، شۇنداقلا ئېتىز چۆرىلىرىگە ھەر خىل مېۋىلىك، مېۋىسىز كۆچەتلەرنى تىكىپ، يۇرت مۇھىتىنى ياخشىلاشقا مېھنەت سىڭدۈرۈشنى، بالا- چاقىلىرى ۋە يۇرت ئەھلىگە بەخت ئاتا قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارىغانلىقتىن، ئالدى بىلەن ئۆي ئەتراپىغا مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىپ، ياشاش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ھويلا- ئاران مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا، باغۋەنچىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈشكە، كۆكتاتلارنى تېرىشقا ئادەتلەنگەن.
   بوستانلىق(يېشىللىق )بەرپا قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەت خاسلىقى. شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك دېھقانچىلىقتىن قالسىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىگىلىك شەكلى.
   ئۈجمە − ھەممىدىن بۇرۇن پىشىدىغان، شۇنداقلا ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتۇپ يېسىمۇ بولىدىغان دورىلىق قىممىتى يۇقىرى مېۋە. ئۈجمىنىڭ قارا ئۈجمە، سۆسۈن ئۈجمە، ئالغاي ئۈجمە، ئاق ئۈجمە دېگەندەك سورتلىرى بار. ئۈجمىنىڭ مېۋىسىدىن باشقا، يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە نوتا شېخىمۇ دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، ئۈجمىنى شىرنە قىلىپ ياكى قۇرۇتۇپ ساقلاپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۈجمە، ئۆرۈك، ئۈزۈم، چىلان، جىگدە، قوغۇن- تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەر بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ پىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈجمە «ئاۋام مېۋىسى» دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئۈجمە ئادەتتە يول بويلىرىغا قاتارلاشتۇرۇپ تىكىلىدۇ، يەنە بەزىدە مەھەللە سىرتىدىكى ياكى ئېتىز ئەتراپلىرىدىكى بوش يەرلەرگىمۇ تىكىلىدۇ. ئۈجمە ھېچكىم قورۇمايدىغان مېۋە بولغاچقا، ناتونۇش كىشىلەرمۇ بىمالال يەپ ھۇزۇرلىنىدۇ
.