باش بەت>مەدەنىيەت

پېشقەدەم شائىر ئابلىكىم روزى «تۆھپىكار ئەدىپ» شەرىپىگە ئېرىشتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-21 17:14:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

   مۇخبىرىمىز ئابدۇسالامجان ئابدۇغېنى، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر گېزىت-ژۇرناللار نەشرىياتى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن 2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ «تارىم غۇنچىلىرى» بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا، گېزىتىمىزنىڭ پېنسيونېرى، شائىر ئابلىكىم روزى «تۆھپىكار ئەدىپ» شەرىپىگە ئېرىشتى.

   بالىلار ئەدەبىياتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ئابلىكىم روزى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، بالىلار ئۈچۈن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش يولىدا ھارماي-تالماي ئىزدەندى، بالىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، قىزىقىشى، تەلپۈنىشى، خاراكتېرى، پىسخىك ئالاھىدىلىكى، تىلى، ئادەت - خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەتراپلىق ئۆگىنىپ ۋە  ئىگىلەپ، ئۇلارنى ئۆز ئەسەرلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەكس ئەتتۈردى، خېلى كۆپ بالىلار ئويۇنلىرىنى شېئىرلاشتۇرۇپ، بالىلار يۇمۇرلىرىنى رەتلەپ ۋە يېڭىدىن يېزىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «قارلىغاچ»، «ئۈمىد غۇنچىلىرى»، «كىمنىڭ توغرا»، «سەبىيلەر كۈلكىسى»، «سۆيۈملۈك دۇنيا» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى ۋە بالىلار يۇمۇرلىرى توپلىمى نەشر قىلىندى، بىر قىسىم شېئىرلىرى «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»، «بىزنىڭ ئەۋلاد»، «شېكەرىستاندىكى ناخشا»، «شانلىق يىللار» قاتارلىق توپلاملارغا تاللاپ كىرگۈزۈلدى.

   شائىرنىڭ «سەككىز دوستنىڭ سۆھبىتى»، «قارلىغاچ»، «ئۆسمۈر ئارزۇسى»، «بىز باھاردا تۇغۇلغان»، «ئەلبۇم»، «بىر، ئىككى، ئۈچ» قاتارلىق شېئىرلىرى ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەسەر» بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى، بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرىگە مۇزىكا ئىشلىنىپ بالىلار سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ناخشىلارغا ئايلاندى.

   ئابلىكىم روزى ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. بىز بۇ تۆھپىكار پېشقەدەم ئەدىپنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمىز.



سۈرەتتە: ئابلىكىم روزى ئىجادىيەت ئۈستىدە.