باش بەت>مەدەنىيەت

خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ماتاچىلىق مەدەنىيىتى

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-10 18:29:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل


    ھۈنەر – سەنئەتكە باي، ئەقىل – پاراسەتلىك خەلقىمىز قەدىمدىن تارتىپ سودا ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ، تاۋار – دۇردۇن، كىمخاب – بەقەسەم، شايى – ئەتلەس، ماتا – چەكمەنلەرنى توقۇپ، دۇنياغا مەشھۇر يىپەك يولى سودىسىنىڭ جانلىنىشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

    خەلقىمىز پاختا يىپىدىن يەرلىك ئۇسۇلدا توقۇش دۇكانلىرىدا توقۇلغان رەختنى ماتا، بۆز، خام، شېشە دېگەن ناملاردا ئاتىغان بولۇپ، ماتا، بۆز توقۇش ياكى سېتىش ئىشى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ماتاچى ياكى بۆزچى، ماتا توقۇش ئىشى ياكى كەسپىي ماتاچىلىق ياكى بۆزچىلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ماتانىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردىن بىر قىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

    خام پاختا يىپىدىن توقۇلىدىغان ئاق رەڭلىك، سىدام بىر خىل رەختنى كۆرسىتىدۇ.

    مىسقال داكا ماتانىڭ سىلىقراق بىر تۈرىنى كۆرسىتىدۇ.

    ھەمىزەك تېگى كۆك، گۈل بېسىلغان ماتانى كۆرسىتىدۇ.

    ئالىچا يۈزىگە كاتەكچە چىقىرىلىپ بويالغان ماتانى كۆرسىتىدۇ.

    سەرگەز گۈل بېسىلغان ماتانى كۆرسىتىدۇ.

    شاتىۋار پاختا يىپتىن ئاياللارنىڭ كۆڭلەك كىيىشىگە لايىقلاشتۇرۇپ توقۇلغان چاقماق گۈللۈك رەختتىن ئىبارەت.

    ئالىچا رەڭلىك يىپلاردىن يوللۇق توقۇلىدىغان رەختتىن ئىبارەت.

    خام سۈرۈپ يۈزىگە تاش سۈركەش ئارقىلىق سىلىقلاشتۇرۇلغان بىر خىل ماتا تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. خام سۈرۈپ چوتار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە چەكمەندىن تىكىلىدىغان چاپانلارنىڭ ئەستەرلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    چەكمەن پىششىق ئېگىرىلگەن پاختا ياكى يۇڭ يىپتىن پۇختا ۋە سىلىق قىلىپ توقۇلغان يەرلىك رەختتىن ئىبارەت.

    بۆرتمە سىرتقى يۈزىدە بۆرتۈپ چىققان ۋە قاپارتما نۇسخىلار چىقىرىپ توقۇلغان رەختنى كۆرسىتىدۇ. بۆرتمە كۆپىنچە ئاياللارنىڭ باش ياغلىقى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.

    تور پاختا يىپى ياكى يېپەكتىن كاتەك – كاتەك كۆزلۈك قىلىپ توقۇلغان توقۇلمىدىن ئىبارەت.

    باسما پاختا يىپىدىن نېپىز ھەم گۈللۈك قىلىپ توقۇلىدىغان بىر خىل رەخت بولۇپ، ئاق ۋە يېشىل رەڭلەردە بولىدۇ. قىز – ئاياللارنىڭ كۆڭلەك كىيىشىگە باب كېلىدۇ.

    خەسە پاختا يىپىدىن سىلىق توقۇلغان بىر خىل ئاق رەخت بولۇپ، ئاساسەن كۆڭلەك ۋە تامبال تىكىپ كىيىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

    داكا پاختا يىپىدىن شالاڭ قىلىپ توقۇلغان رەخت تۈرى بولۇپ، كۆپىنچە ھاللاردا ياشقا چوڭ ئاياللار بېشىغا ياغلىق ئورنىدا ئارتىۋالىدۇ. ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

   ماتاچىلار ماتا توقۇشنىڭ تەرتىپ – باسقۇچلىرىغا ئۆزىگە خاس ناملارنى بېكىتكەن. مەسىلەن: تەۋەردىكى يىپلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يەنى قومۇشتىن ياندۇرۇپ ئۆرۈش تەييارلاش ماتا يۈگۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆرۈش قىلىش ئۈچۈن تەييارلانغان يىپنى پاتقا چىلاپ ۋە سىلىقلاپ، يىپنىڭ چىداشلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش ماتا پاتلاش دەپ ئاتىلىدۇ. ماتا توقۇلۇپ بىر ماتا يەنە سەككىز قىرىغا توشقاندا يۆگەلگەن تۈرگىدىن چىقىرىش ماتا چۈشۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئارقاق يىپنى ئارقىمۇ ئارقا چىڭداش، ئارقاق يىپ زىقلاپ چىڭداش ئارقاق بېسىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى قات ئۆرۈشنى ئوتتۇرىسىدىن ئارقاق ئېلىش ئۈچۈن گىرەلەشتۈرۈپ بېرىدىغان شانىنى بىر تەكشىلىكتە تۇتۇپ تۇرىدىغان كالتەككە باغلاش شانا باغلاش دەپ ئاتىلىدۇ. ماتا توقۇشتا ماتانىڭ بويىچە تارتىلغان يىپ ئۆرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ماتا توقۇشتا ئۆرۈش يىپلارنىڭ ئارىلىقىدىن توغرىسىغا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىپ ئارقاق دەپ ئاتىلىدۇ.

    ماتاچىلار ماتا توقۇش مەشغۇلاتى قىلىدىغان جاھازلىق ئۈسكۈنە دەستىگاھ بولۇپ، دەستىگاھ يەرلىك تىلدا دۇكان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەستىگاھ ئاساسەن ياغاچتىن تەييارلىنىدۇ.

    ماتا توقۇشتا قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىغان سايمانلاردىن موكا، مۈرە تاختا، مۈرە تاش، تەۋەر، پات قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.