باش بەت>مەدەنىيەت

قەشقەر ۋىلايىتى 13-نۆۋەتلىك «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2018-06-19 20:52:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

سۈرەتتە: 6-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى ئاممىنى تەشكىللەپ، جۇڭگونىڭ قەغەز قىيما ھۈنەر-سەنئىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

     ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ ۋېنۋېن خەۋىرى، فوتوسى: 6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرى «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تارقىتىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش»، «رەڭگارەڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، گۈزەل تۇرمۇش» تېمىسىدىكى «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكىلەر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا تەڭ قاتنىشىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

     قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت سارىيى «2018-يىللىق مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇانىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، چىپاۋ كۆرگەزمىسى، جۇڭگونىڭ قەغەز قىيما ھۈنەر-سەنئىتى كۆرگەزمىسى ۋە «تاڭزۇڭزا چاغىنىنى كۈتۈۋېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدى، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقىنى نامايان قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات ياراتتى.

     قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئاپتونوم رايوندىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنى قەشقەر داشۆسىدە «كۆكئارت رىۋايىتى ــ تاشقورغان تاش قەلئەسىنىڭ تارىخى ۋە ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش» توغرىسىدا لېكىسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى تونۇش» ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

     قەشقەر ۋىلايەتلىك مۇزېي «كىچىك ئارخىئولوگ» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنى تارىخ بىلەن تونۇشۇش، تارىخ ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتتى.

     قەشقەر شەھىرى، يېڭىسار ناھىيەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق ناھىيە (شەھەر)لىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئورۇنلىرى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەزمۇنىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم كۆپ جايلاردا تەشۋىقات نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تەشۋىقات كۆرگەزمە تاختىسى قويۇپ، ئاممىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قانۇنى»، «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى تەشۋىقات ۋاراقچىسى»، «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى ئالاھىدە ئوقۇشلۇقى» قاتارلىق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقاتتى ھەمدە تەشۋىقات شوئارى پىلاكاتلىرىنى ئاستى؛ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى، تاش قەلئە قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش نۇقتىسىدا دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان «تاجىك بۈركۈت ئۇسسۇلى»، «تاجىك خەلق ناخشىسى»، «تاجىك كىيىم-كېچەكلىرى»نى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.