باش بەت>يېزا ئىگىلىك،يېزا،دېھقانلار

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تولۇقلىما سىياسىتى توغرىسىدا يەشمە (1)

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-16 11:42:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تولۇقلىما سىياسىتى توغرىسىدا يەشمە (1)

ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى

 

1. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تولۇقلىما سىياسىتى

يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2015- يىلى دۆلەت يېزا ئىگىلىكىدە «ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق تېرىش بىۋاسىتە تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئۇنىۋېرسال تولۇقلىمىسى، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق تولۇقلىمىسىنى «يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تولۇقلىمىسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، سىياسەت نىشانىنى تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش ۋە ئاشلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قوللاشقا تەڭشىدى. ئاپتونوم رايون «ئۈچ تۈرلۈك تولۇقلىما»نى تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش تولۇقلىمىسى ۋە ئاشلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قوللاش بىلەن بىرلەشتۈردى، تېرىلغۇ يەر قۇۋۋىتىنى قوغداش تولۇقلىما ئوبيېكتى بارلىق قانۇنلۇق بولغان ئەمەلىي يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار (دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قوللاشتا يېزا ئىگىلىك كرىدېت قەرز پۇلى شەكلى ئارقىلىق ئاشلىق كۆلىمىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سۇبيېكتىنىڭ قەرز ئېلىشى كىرېدىت كېپىللىكى ۋە خېيىم - خەتەر تولۇقلىمىسى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. 2016 - يىلى دۆلەت شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش ۋە قوغداش تولۇقلىمىسىدىن 2 مىليارد 360 مىليون يۈەن ئاجراتتى.

2. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما سىياسىتى

2016 - يىلى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتى مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ناھىيە (مەيدان) لىرىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتى بىۋاسىتە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەشكىلاتلار، تولۇقلىما بېرىلىدىغان ماشىنا-سايمانلارنىڭ تۈرى 11 چوڭ تۈر، 43 كىچىك تۈر، 137 تۈر بويىچە بولدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىدە ئۆز ئالدىغا يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سېتىۋېلىش، ناھىيە ھېسابات قىلىش، كارتا (ھېسابات نومۇرى)غا بىۋاسىتە تولۇقلىما ئۇرۇپ بېرىش شەكلى يولغا قويۇلىدۇ، تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار بەلگىلىمە بويىچە بېكىتىدۇ، ئۆلكە ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتە مەركەز مالىيەسىدىن يەككە ماشىنىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ سۈت سېغىش ماشىنىسى، قاقلاپ قۇرۇتۇش ماشىنىسىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما سوممىسى 120 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ 100 ئات كۈچىدىن يۇقىرى چوڭ تىپتىكى تىراكتور، يۇقىرى ئىقتىدارلىق يەم - خەشەك توغراش ماشىنىسى، چوڭ تىپتىكى ئاغدۇرماي تېرىش سىيالكىسى، چوڭ تىپتىكى كومبايىن، چوڭ تىپتىكى شال ئۇرۇقىنى نەمدەپ بىخلاندۇرۇشنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما سوممىسى 150 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ 200 ئات كۈچىدىن يۇقىرى تىراكتورغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما 250 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ چوڭ تىپتىكى پاختا كومبايىنىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما سوممىسى 600 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. 2016- يىلى مەركەز شىنجاڭغا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 1 مىليارد 280 مىليون يۈەن ئاجراتتى.

3. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا تولۇقلىما بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى

2016- يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 ئۆلكە (شەھەر، رايون)دە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا تولۇقلىما بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا تولۇقلىما بېرىش بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا تولۇقلىما بېرىشنى ئۆزئارا جىپىسلاشتۇرۇپ تەڭ قەدەمدە يولغا قويدى. بىراك قىلىش تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارنىڭ تۈرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان ھەمدە بىراك قىلىش ئۆلچىمىگە يەتكەن ياكى بىراك قىلىش يىل چېكىدىن ئېشىپ كەتكەن تىراكتور ۋە كومبايىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىپ يېڭىلاشقا تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمى بىراك قىلىنغان تىراكتور، كومبايىننىڭ تىپى ۋە تۈرىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، تىراكتورنىڭ ئات كۈچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ تولۇقلىما سوممىسى 500 يۈەندىن 11 مىڭ يۈەنگىچە، كومبايىننىڭ ئورۇش مىقدارى (ياكى ئورۇش قېتىم سانى)نىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ 3000 يۈەندىن 18 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ.

4. بۇغداي سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن باھا سىياسىتى

دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاشلىقنىڭ ئەرزانلاپ كېتىشى سەۋەبلىك دېھقانلارغا زىيان يېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 2016- يىلى دۆلەت ئاشلىقنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچى رايون (شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا بۇغداي سېتىۋېلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن باھا سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى. 2016- يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان بۇغداي (3-دەرىجىلىك)نى سېتىۋېلىشتىكى ھەر كىلوگىرام بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 2.36 يۈەن بولۇپ، 2015- يىلىدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ قالغان.

5. شىنجاڭنىڭ كېۋەز نىشان باھا سىياسىتى

بازارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ھازىرقى باسقۇچتىكى تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى ۋە بازارنىڭ تەڭشەش-كونترول قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2014-يىلى دۆلەت شىنجاڭدا كېۋەز نىشان باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، كېۋەزنى ۋاقىتلىق سېتىۋېلىش-ساقلاش سىياسىتىنى بىكار قىلدى، بازار باھاسى نىشان باھا سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغاندا، مەركەز مالىيەسى ئىشلەپچىقارغۇچىغا تولۇقلىما بېرىدۇ. 2016-يىلى دۆلەت شىنجاڭنىڭ كېۋەز نىشان باھا ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى داۋاملىق، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر توننا كېۋەزنىڭ نىشان باھاسىنى 18 مىڭ 600 يۈەن قىلىپ بېكىتتى.

6. ئاشلىق، كېۋەز، ياغ، شېكەر مەھسۇلاتلىرىنى يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەز مالىيەسى 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەندىزىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا 40 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، ئاشلىق تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان ئالتە ناھىيە، كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان تۆت ناھىيەدە يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەھسۇلات بەرپا قىلىشنى قانات يايدۇردى. بەرپا قىلىش: بىرىنچى، يېشىل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، رايون خاراكتېرلىك، ئۆلچەملەشكەن، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەندىزىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش؛ ئىككىنچى، رايونغا قاراپ زىرائەتنى ئايرىشتەك بايلىق توسالغۇسى، تېخنىكا توسالغۇسى، ئۈنۈم توسالغۇسىغا قارىتا، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش؛ ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتى ۋە مۇلازىمەت سۇبيېكتىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مۇلازىمەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ بېرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى  سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

7. تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسىپلىق ئوغۇتلاشقا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى

2016 - يىلى مەركەز مالىيەسى تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسىپلىق ئوغۇتلاش مەخسۇس مەبلىغىدىن 700 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسىپلىق ئوغۇتلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوغۇتلاش، تېجەشلىك ئوغۇتلاش، مۇھىتنى ئاسراپ ئوغۇتلاش» نى مۇھىم تۈر قىلىپ، يېشىل ئېكولوگىيەنى يېتەكچى، ئاشلىق، كۆكتات ۋە مېۋىلىك دەرەخ قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ تۇپراق تۈرى ۋە زىرائەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن، ۋەكىل خاراكتېرلىك نۇقتىلىق ناھىيە (مەيدان، ئورۇن) نى تاللاپ، تۇپراقنى تەكشۈرۈش ۋە ئوغۇتلاش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى ھەمدە يولغا قويۇش لايىھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تىپتىكى تىجارەت سۇبيېكتى ۋە كەسىپلەشكەن يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتىغا تايىنىپ، مەركەزلىك، تۇتاش، ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت مىقدارىنى ئازايتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي ئوغۇتلاش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. 2016- يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى 13 ناھىيەدە تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسىپلىق ئوغۇتلاش تېخنىكىسىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى %90 تىن يۇقىرىغا يەتكۈزۈش، تۇپراقنى ھايۋانات ۋە قۇشلارنىڭ قىغى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ پاخاللىرى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ كۆرۈنەرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رېتسىپلىق ئوغۇتنىڭ كېڭەيتىلىش كۆلىمى ۋە سانىدا «قوش ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

8. كۆكتات، مېۋە - چېۋە، چاينى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش سىياسىتى

2016-يىلى دۆلەت باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۇلنى كۈچەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە  كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، چاي جەھەتتە ئەۋزەل رايونلارنى مەركەزلىك تۇتاش ئىلگىرى سۈردى. باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى ئۆلچەملىك بېغى بەرپا قىلىش جەريانىدا، كونا مېۋە (چاي) لىك باغلارنى ئۆزگەرتىش، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆسۈملۈك ئاسراشتا كەسىپلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇتنى كۆپەيتىۋەتمەسلىك ھەرىكىتى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە كەسىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم كۆلەملىك تېرىقچىلىق، ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش، تاۋارلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، ماركىلاشتۇرۇپ سېتىش ۋە كەسىپلەشكەن تىجارەت قىلىشتەك يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سەۋىيەلىك كۆكتات، مېۋە، چاي ئۆلچەملىك بېغى ۋە ئۆلچەملەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرىنى ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش تۈر مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مۇۋاپىق كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش ، كەسىپلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

9. خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرماسلىقنى قوللاش سىياسىتى

2016- يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى «2020- يىلىغا بارغاندا خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق ھەرىكىتى لايىھەسى»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى زور بولغان كۆممىقوناق، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ناھىيەلەر تاللىنىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت مىقدارىنى ئازايتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ. بىرىنچى، خىمىيەۋى ئوغۇت مىقدارىنى ئازايتىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. كۆلەملەشكەن، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا تايىنىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت مىقدارىنى ئازايتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت مىقدارىنى ئازايتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تېخنىكىسىنى قوللىنىشى ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسىتىپ، يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوغۇتلاش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىمىيەۋى ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئېتىزغا رېتسىپلىق ئوغۇت ئىشلىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دېھقانلار بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىپ رېتسىپلىق ئوغۇت ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېتىزنى رېتسىپلىق ئوغۇتلاش، ئورگانىك ئوغۇتلاش تولۇقلىمىسى بېرىشنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رېتسىپلىق ئوغۇت، ئورگانىك ئوغۇت ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى تىپتىكى ئوغۇتلارنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، ئېتىزلارغا ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوغۇت ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت مۇلازىمەت سېتىۋېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىيلاشقان يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلمىي ئوغۇتلاش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، تۇپراقنى ئۆلچەپ، رېتسىپلىق ئوغۇتلاش بويىچە يانفون ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

10. تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش تولۇقلىمىسى سىياسىتى 

2016-يىلى مەركەز مالىيەسى 800 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەملىكەت بويىچە قىسمەن ناھىيە (مەيدان، ئورۇن) لەردە تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش،  ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شاخ-شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، ئورگانىك ئوغۇتلاشنى كۆپەيتىش، مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش قاتارلىق تېخنىكا ئەندىزىلىرىنى كېڭەيتتى. بىرىنچى، قاقاسلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبنىڭ تۇپرىقىنىڭ كىسلاتالىشىشى ۋە شىمالنىڭ تۇپرىقىنىڭ شورلىشىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش كېرەك. ھاك ۋە تۇپراق تەڭشەش دورىسى ئىشلىتىپ، شاخ-شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ياكى زىرائەتلەرگە مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك. ئىككىنچى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ بۇلغىنىشىنى توسۇش-تىزگىنلەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا  ئېغىر مېتالدىن بۇلغانغان تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاق رەڭلىك (تاشلاندۇق سولياۋ يوپۇق) بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك. ھاك ۋە تۇپراق تەڭشەش دورىسى ئارقىلىق، كىسلاتانى تەڭشەپ، ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىشنى ئازايتىپ، شاخ-شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ياكى تېرىقچىلىقتا مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى قوغداپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ھالدا شاخ-شۇمبىنى ئېتىزغا قايتۇرۇش، ئورگانىك ئوغۇتلاشنى كۆپەيتىش، تېرىقچىلىقتا مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش كېرەك.