باش بەت>يېزا ئىگىلىك،يېزا،دېھقانلار

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تولۇقلىما سىياسىتى توغرىسىدىكى يەشمە (2)

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-21 19:10:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى 


11. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرگە ياردەم بېرىش سىياسىتى

2014-يىلى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى «ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ قوللاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (دۆلەت زېمىن بايلىقىنىڭ 2014-127-نومۇرلۇق)نى تارقىتىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرگە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى. بىرىنچى، كۆلەملەشكەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كېتەرلىك يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى «ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر» دائىرىسىگە كىرگۈزدى، ئەسلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ۋە قوشۇمچە ئەسلىھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەر ئاساسىدا، «يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرگە ئىشلىتىلىدىغان يەر»نى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر قىلىپ بېكىتتى. يېزا ئىگىلىك كەسپىي چوڭ ئائىلىلىرى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىقلار كۆلەملىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا كېتەرلىك زۆرۈر يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرگە يەر ئىشلىتىشتە، يەنى قۇرۇتۇش مەيدانى، ئاشلىق قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسى، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقىتلىق ساقلاش ئورنى، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى ۋاقىتلىق ساقلاش ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلىھەلەرگە يەر ئىشلىتىشتە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر قاتارىدا باشقۇردى. ئىككىنچى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى «باھالاش تۈزۈمى»نى «ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى»گە ئۆزگەرتتى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇپ، يەر ئىشلىتىش پىرىنسىپى، ئۆلچىمى ۋە كۆلىمى قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، يېزا (بازار)، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت زېمىن بايلىقى، يېزا ئىگىلىك تارمىقى قاتارلىقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتتى. ئۈچىنچى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە يەر ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش تەلىپىنى ئىنچىكىلەشتۈردى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەر تېرىلغۇغا ئىگىلىنىۋېلىنغان بولسا، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلىماي، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بوز يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «بىرنى ئىگىلىۋالسا، بىرگە تولۇقلىما بېرىش»تىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى بىر تۇتاش قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنى غەيرىي يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ئىگىلىۋالغان بولسا، قانۇن بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەرلەرنىڭ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ھەمدە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىنىش، تولۇقلاش تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلدى.

12. ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى تۈرلىرىگە ياردەم بېرىش سىياسىتى

2016 - يىلى ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرنى تۇتقا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. تۈرنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشى تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، ئاشلىق، كېۋەز تېرىقچىلىق كەسپى يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك (يېشىل، ئورگانىك) بۇغداي تېرىقچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى، كېۋەز تېرىقچىلىقىدا ئەلا سۈپەتلىك تۈر (بىر رايوندا بىر تۈر) بولۇش، تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە يېتىشتۈرۈش قوللىنىلىپ، زاكازلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، ماشىنىلاشقان كېۋەز تېرىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كۆممىقوناق، ئاشلىق تېرىيدىغان يەرلەرنى يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىلىپ، كارخانىلارنىڭ سورت يېتىشتۈرۈش كەنتى، سورت يېتىشتۈرۈش يېزىسى بەرپا قىلىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئىككىنچى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ئاشۇرۇلىدۇ. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەربىيەلەش بازىسىغا تايىنىلىپ، تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، كونا پارنىكلارنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، چوڭ پارنىكلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچى، ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاشتىن ماركا بەرپا قىلىش، ئوراپ قاچىلاپ بازارغا سېلىشقىچە بولغان بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىگە مەدەت بېرىلىدۇ. شوخلا، مۇچ، ئالاھىدە ياغلىقدان، سورتلۇق قوغۇن، پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان كۆكتاتلار، خۇش پۇراقلىق ئۆسۈملۈكلەر، جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ۋە باشقا رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زىرائەتلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. تۆتىنچى،1-، 2-، 3-كەسىپلەر بېرىكتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىلاتى شەكلى ۋە يۈرۈشۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش ئارقىلىق، بىۋاسىتە تەمىنلەش، بىۋاسىتە سېتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىۋاسىتە سېتىپ يەتكۈزۈشنى سىناق قىلىش، ئەزالىق تۈزۈمىدىكى ئىستېمال، زاكاز شەكلىدە سېتىش تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. بەشىنچى، يېڭى تېخنىكا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدىكى كۆجۈملەشكەن يېشىل تېخنىكا ئەترىتى قۇرۇلۇشى، كۆجۈملەشكەن ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يۇقىرى ھوسۇللۇق يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى بويىچە تېخنىكىنى سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىكىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللىنىشچان تۈزۈلمە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى كېڭەيتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئۆزگەرتىش، يېڭى تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئېكولوگىيەلىك ئايلانما ئەندىزىدە سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق باشقا يېزا ئىگىلىكىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىگە مەدەت بېرىلىدۇ. يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكىدىكى يېڭى تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى كېڭەيتىش، قوللىنىش خىزمىتىگە مەدەت بېرىلىدۇ.

13. زامانىۋى تېرىقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاش سىياسىتى

2016 - يىلى دۆلەت تېرىقچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىقچىلىق سىياسىتىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى تېرىقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بىرىنچى، تېرىقچىلىق ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. تېرىقچىلىق ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھوقۇق-مەنپەئەتى ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججىتىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، يۆتكەش، ئۆزگەرتىش ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش سىياسىتى مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى تارقىتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە، تەرتىپلىك ھالدا كارخانىلارغا يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تېرىقچىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېرىقچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككىنچى، زامانىۋى تېرىقچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇق پىلازمىسى بايلىقىنى ساقلاش، پايدىلىنىش سىستېمىسى، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، سىناق قىلىش سىستېمىسى، ئۆسۈملۈك يېڭى تۈرلىرىنى سىناق قىلىش سىستېمىسى ۋە تۈرلەرنى تىزىملاش، شۇنداقلا ئېتىراپ قىلىش، سىناق قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىپ، يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، ئىلگىرى سۈرۈش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈشتىكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈشنى قوللىدى. ئۈچىنچى، مەركەز مالىيەسى سورت يېتىشتۈرۈش چوڭ ناھىيەلىرى (خەينەن ئۆلكىسىدىكى نەنفەن پەن تەتقىقاتقا تايىنىپ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بازىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويدى. ئەلالىرىنى تاللاپ قوللاش شەكلىنى قوللىنىپ، مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، سورت يېتىشتۈرۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىدى. 2016-يىلى ئاپتونوم رايون مالىيەسى 20 مىليون يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، زامانىۋى تېرىقچىلىق تەرەققىياتىنى قوللىدى.

14.  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەر بولغان ناھىيە بەرپا قىلىش سىياسىتى

2014-يىلى دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەر بولغان ناھىيە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 2015-يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدە 103 ناھىيەنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەر ناھىيە ۋە تۆت ئورۇننى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەر شەھەر بەرپا قىلىشتىكى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتتى، مەركەز مالىيەسى بەرپا قىلىش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ھەر بىر ناھىيەگە 1 مىليون يۈەن، بەرپا قىلىش نۇقتىسىدا سىناق قىلىنىدىغان ھەر بىر شەھەرگە 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مالىيە ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى. 2016-يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، بەرپا قىلىش دائىرىسى تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، بەش يىل ئىچىدە  «قوشۇمچە يېمەكلىك» مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ناھىيەلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەرپا قىلىدىغان ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەرەققىياتنى يېشىللاشتۇرۇش، تىجارەتنى كۆلەملەشتۈرۈش، مەھسۇلاتنى ماركىلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش شۇنداقلا تورلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش، كۆلەملەشكەن بازا، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش، تېرىپ ئۆستۈرۈشنى، بازارغا سېلىپ تاماق ئۈستىلىگە چىققۇچە بولغان بىر پۈتۈن ھالقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى پۈتۈن مۇساپە بويىچە سۈرۈشتۈرۈشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش،  ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتىلىرىنىڭ سەمىمىيەت ئارخىپىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك رايون بەرپا قىلىنىدۇ.

15.  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلىنىشىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەز مالىيەسى 900 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلىنىشىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا ئىشلەتتى، 2015-يىلىنىڭ ئاساسىدا، نۇقتىلىق قوللاشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەۋزەللىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش رايونى، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتى، ياشانغانلار، بالىلار كۆپ چەت، يىراق، نامرات رايونلارغا مايىللىشىپ، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) دە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئائىلىلىرى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ بەرەڭگە زاپاس ساقلاش گەمىسى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى ساقلاش ئىسكىلاتى ۋە قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايىدا دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىلدى. 2016-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان جايىدا دەسلەپكى پىششىقلاپ ئىشلىنىشىگە تولۇقلىما بېرىش تۈرىنى نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، 490 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە قاقلاپ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن 3500 نى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن 2000 نى يېڭىدىن سالدى.

16.  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت (ئوبلاست) تا ھويلا-ئاران ئىگىلىكىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، يولى ئاز بولۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون 2015 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇردى، 2016-يىلى داۋاملىق تۈردە 94 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت (ئوبلاست) نىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكى تۈرىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا-ئاران، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىق ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلارنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاساسلىقى نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىچىككىنە بىر پارچە يەردىنمۇ پايدىلىنىپ، ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىچىك پارنىك، چوڭ پارنىك، كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ، كۆلىمىنى تەخمىنەن 50 دىن 60 كىۋادرات مېتىرغىچە يەتكۈزدى؛ تېمپراتۇرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئورگانىك تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش، ئېرىتمىدە ئۆستۈرۈش، سۇ تېجەپ سۇغىرىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ھاسىلات نىسبىتى قوشۇمچە قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر قىسىم دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشقا مەدەت بەردى. نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھويلىسىدىكى 50 كىۋادرات مېتىردىن 60 كىۋادرات مېتىرغىچە بولغان يەرگە قوتان سېلىشىغا مەدەت بېرىپ، تىجارەت قىلىش، باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق، ئۆي قۇشلىرى ۋە ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنى بېقىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇردى؛ نامرات دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى سەھنە قىلىپ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بەردى.

17.  ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا -قىشلاق ساياھەتچىلىكى تۈرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-قىشلاق ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى «يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، بۇ ئاساسلىقى ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا- قىشلاق ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتلەرنىڭ ئۇل مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش، ئىقتىدارى مۇكەممەل، ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، مۇلازىمىتى ئەلا بولغان ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى كەسپىي كەنتى ۋە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى باغچىسى بەرپا قىلىشقا ئىلھام بېرىش؛ يېزىلاردىكى بىكار ئۆي، كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى، «تۆت قاقاس يەر»، ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئورمانچىلىق مەيدانلىرى قاتارلىقلارنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-قىشلاق ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىش؛ داڭلىق ماركا يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا-قىشلاق ساياھەتچىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىش پائالىيىتى، جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل يېزا-قىشلاقلارنى تونۇشتۇرۇش، جۇڭگودىكى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى بېكىتىش، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا -قىشلاق ساياھەتچىلىكىدە يۇلتۇز دەرىجىلىك كارخانا بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

18. تېرىقچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى قوللاش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە تېرىقچىلىق تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى داۋاملىق يولغا قويۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ، گەنسۇ، شىنجاڭ ( شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) قاتارلىق 10 ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون) نىڭ 229 ناھىيە (رايون، تۈەن-مەيدان)سىدە901 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كېرەكسىز سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئاساس قىلىنغان يېزا ئىگىلىكىدە پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى يولغا قويۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن قالدۇق سولياۋنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى 186 مىڭ 300 توننىغا ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يىغىۋېلىنغان سولياۋ يوپۇق كۆلىمىنى 63 مىليون 99 مىڭ موغا يەتكۈزدى. 2015-يىلى مەركەز مالىيەسىدىن 140 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇش، زىرائەت شاخ-شۇمبىسى ئارقىلىق چارۋا بېقىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە 220 مىليون توننا شاخ-شۇمبىنى يەم-خەشەككە ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولدى. 2016-يىلى يۇقىرىقى تۈرلەر تەڭشەش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن كېيىن داۋاملىق يولغا قويۇلدى.

19.  يېزا پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى

2016-يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن كۆلەملەشكەن بىيو تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى ۋە كۆلەملەشكەن چوڭ تىپتىكى پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ ، قوللاش سىياسىتى ۋە تۈزۈلمە  مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىپ، يېزا پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىنى كۆلەملىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش،  ئىلمىي باشقۇرۇش، ئۈنۈم ئارقىلىق يۆنىلىشىكە تۈرتكە بولۇش، تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىيو تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشدا كۈنىگە 10 مىڭ كۇب مېتىردىن يۇقىرى تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشقا تېگىشلىك بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىلغان بىيو تەبىئىي گازنى ئومۇمىي سوممىسى بويىچە سېتىۋېلىش ياكى نورمىلىق سېتىۋېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلدى. كۆلەملەشكەن چوڭ تىپتىكى پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىدا (كۆلەملەشكەن بىيو تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئانايروبىك پارچىلاپ يوقىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 500 كۇب مېتىردىن يۇقىرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش ۋە تېرىقچىلىق بىلەن باقمىچىلىقنىڭ ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە مەدەت بېرىلىپ، «ئۈچ پاتقاق گازى»دىن تولۇق پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈرى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پاتقاق گازى قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش، پاتقاق گازىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پىششىقلاپ ئىشلەش، پايدىلىنىش، قوشۇمچە كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا نۇقتىلىق ياردەم بېرىلدى.

20. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەز مالىيەسى دېھقانلارنى تەربىيەلەش خىراجىتى ئۈچۈن 1 مىليارد 390 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە سەككىز ئۆلكە، 30 شەھەر ۋە 500 ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى (100 زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش  رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دە نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قائىدىلىك باشقۇرۇش، سىياسەت جەھەتتە قوللاشتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» بويىچە يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ باشلامچىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ غوللۇق خادىمى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ كەسپىي جىڭلىلىرىنى نۇقتىلىق ئوبيېكت قىلىپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. ياشلارنى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى قىلىپ تەربىيەلەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يېڭىدىن 10 مىڭ نەپەر تەربىيەلەش ئوبيېكتىنى كۆپەيتتى.

21.  ئاساسىي قاتلامدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەز مالىيەسى داۋاملىق تۈردە 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، جايلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 61 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى. تۈر قۇرۇلۇشىدا مۇلازىمەت يېتەكچى قىلىنغان كەسىپنى يۆنىلىش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى يادرو، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساس، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى باشقۇرۇش سۇبيېكتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەركەز، يەرلىك تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ھەر قايسى تارماقلار ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىغان، كەسىپ، ئۆگىنىش، تەتقىقات، ئىشلىتىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى. مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان مەبلەغ ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرىنى تەربىيەلەش، پەن-تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت ياردەم پۇلى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلدى.

22.  يېزىلاردا كارغا كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سىياسىتى

2016-يىلى يېزىلاردىكى كارغا كېلىدىغان ئىختىساسلىق باشلامچىلار ۋە ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا 170 نەچچە قارار ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسى ئېچىش پىلانلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە، بولۇپمۇ نامرات رايونلارغا يۈزلىنىپ 17 مىڭدىن ئارتۇق كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزاسى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەسئۇلى ۋە ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى قاتارلىقلار تەربىيەلەش بازىسىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ ۋە ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئۆگەندى ھەمدە پىكىر ئالماشتۇردى. يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار مۇھىم نۇقتا قېلىنغان يېزىلاردىكى كارغا كېلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى بېكىتىش، باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار يۆلەش سىياسەتلىرىنى يۇقىرى ساپالىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مايىللاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى. «يېزا ئىگىلىكى، پەن - مائارىپ ئارقىلىق كەنتنى گۈللەندۈرۈشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن باشلامچى» ۋە «مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن يېزىلاردىكى كارغا كېلىدىغان ئىختىساسلىقلار» غا ياردەم بېرىش تۈرىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى.

(داۋامى بار)