باش بەت>يېزا ئىگىلىك،يېزا،دېھقانلار

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تولۇقلىما سىياسىتى توغرىسىدىكى يەشمە (3)

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-29 12:56:00 مەنبە:قەشقەر گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى

23. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى

2016-يىلى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئائىلە دېھقانچىلىقىنى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىدى ۋە قوللىدى. بۇ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بېكىتكەن ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارىتى سۇبيېكتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئۇچۇرىنى بىۋاسىتە ئۇلاش، بىۋاسىتە يوللاشنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. ھەر دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە تىپىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى بەرپا قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، مالىيە تولۇقلىمىسى، باج ئېتىبار سىياسىتى، كىرېدىت مەدىتى، رەنە كېپىللىكى، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىگە يەر ئىشلىتىش قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپ ، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك كەسپىي مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر، يېڭىچە دېھقان ۋە يېزىلاردىكى كارغا كېلىدىغان ئىختىساسلىقلار، ئىشلەمچىلىك، سودا- سېتىق قىلىپ يۇرتىغا قايتقانلارنىڭ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بەردى.

24. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتى

دۆلەت كەسپىي ھەمكارلىق، پاي ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىلھام بېرىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بويىچە ئۈلگىلىك كوپىراتىپ بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوبوروت قىلىش ۋە بىۋاسىتە تەمىنلەش، بىۋاسىتە سېتىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، دېھقانلارنىڭ ئىستىراھەت ساياھەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا پائال مەدەت بەردى. دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئامانەت قەرز ھەمكارلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خېيىمخەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. گوۋۇيۈەننىڭ «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، پىكىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى دەلىللەپ تارقاتقان بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كود نومۇرى بولغان تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن، باج ئىشلىرى بويىچە تىزىملاتمىسىمۇ، باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى ئالمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. 2016-يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان  قوللاش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بويىچە ئۈلگىلىك كوپىراتىپ بەرپا قىلىش كۈچەيتىلىپ، دۆلەت بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك كوپىراتىپلار باھالاپ بېكىتىلىدۇ؛ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، تەشكىللەش شەكلىدە، يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.

25. يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلىشىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئېنىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرى بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشنى زىچ جىپىسلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنى چوڭقۇر بېرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى بېرىكتۈرۈش ۋە قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى كەسىپلەرنى بېرىكتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن قوشۇلما قىممەت مەنپەئەتىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومتېتىلىرى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ مۇقىم بولغان خام ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، دېھقانلارنى قەرز كېپىللىكى ۋە مەبلەغ ياردىمى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇردى. يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقى قاتارلىقلارنى باشلامچى كارخانىلارغا ياكى كەسپىي دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشۇشقا يېتەكلەپ، «تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ پايدىغا ئېرىشىش + پاي بويىچە پايدىنى ئايرىش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، دېھقانلارنى پاي چېكىلىك سالاھىيىتى بىلەن كارخانىلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش، 2-، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولغان كەسىپتە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنت- بازىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈلگىلىك كەنت-بازارلاردا ئەۋزەللىككە ئىگە كوزۇرلارنى يېتىشتۈرۈشنى قوللاپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى.

26. يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى قوللاش سىياسىتى

2016-يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئېنىق قىلىپ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتى، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن «يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى پىلانى»دا ئىككى يىلدا بىر قېتىم  ئېلىپ بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە بېكىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىغا مايىللىشىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 19 تارماق بىلەن بىرلىكتە تارقاتقان «يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە شارائىتى ھازىرلانغان تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئاساسىي قاتلام تور نۇقتىسى، يېزا پوچتا ئىدارىسى پونكىتى، كەنت پوچتا پونكىتى، ئۇچۇرلارنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزىدىغان كەنت دەرىجىلىك ئۇچۇر مۇلازىمەت پونكىتى قاتارلىقلارنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىقلارنى قوللاپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا سەھنىسىنىڭ ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈردى. «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ماركا»، «داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى بولۇش»، «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش»تىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. 2016-يىلى ئاپتونوم رايون 32 ناھىيە (شەھەر)نى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىپ، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سىياسەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، بازار سۇبيېكتىنى تەربىيەلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىش، يېزا ماددىي ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، يېزىسى، كەنتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى.

27. كۆپ خىل شەكىلدىكى، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى

2016- يىلى مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئېنىق قىلىپ ماۋۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كۆپ خىل شەكىلدىكى، مۇۋاپىق كۆلەمدىكى تىجارەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قوللىنىش، يېشىل تەرەققىيات، بازار ئېچىش قاتارلىق جەھەتتىكى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يەر ئوبوروتى قىلىش ۋە مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتتە دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا يېرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يەر ئىگدارلىق ھوقۇقىنى قويۇۋېتىپ، ئائىلە ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئائىلە ئىگىلىكى، كوللېكتىپ ئىگىلىكى، ھەمكارلىق ئىگىلىكى، كارخانا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللىك تىجارەت ئۇسۇلىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ كۆلىمى مۇۋاپىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەم يەر ئىگىدارلىق كۆلىمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم يەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنى ھۆددە يەرلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەش ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك. يەر ھۆددىگەرلىكىنى كەسپىي چوڭ ئائىلىلەر، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئوبوروت قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە قوللاپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. مالىيە- باج، ئامانەت-قەرز، سۇغۇرتا، يەر، توك ئىشلىتىش، تۈرلەرنى قوللاش قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە يېزا تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈش سىياسەت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىلدىكى يېڭىچە يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى سۇبيېكتلىرىنىڭ ۋاكالىتەن ئاغدۇرۇپ بېرىش، ۋاكالىتەن تېرىش، بىرلىشىپ ئاغدۇرۇش، بىرلىشىپ تېرىش، يەرلەرنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

28. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشنىڭ يېزا ئىگىلىك پاراۋانلىق مۇلازىمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى

ناھىيەدە سىناق قىلىش، ئۆلكە دەرىجە بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش، كەسىپتە يېتەكلەش، مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن، قىسمەن شارائىت ھازىرلىغان بىر قىسىم رايونلارنى تاللاپ، پاراۋانلىق خاراكتېرى بىر قەدەر كۈچلۈك، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، دېھقانلار ئېھتىياجلىق، پايدىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىغا قارىتا، بىر تۇتاش ئالدىنى ئېلىپ، بىر تۇتاش تۈزەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، ئاشلىقنى قاقلاپ قۇرۇتۇش، شال مايسىسىنى مەركەزلىك يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇقلۇق بىلەن بىر تۇتاش تەمىنلەش، ھايۋانات يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ گەندىسى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئارقىلىق، سىتېۋېلىش مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى، جىپىسلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سۇبيېكتىنىڭ سالاھىيىتى، سىتېۋېلىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرتىپى، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ، بازار مېخانىزمىغا كىرگۈزۈپ نۇقتىدا سىناق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى ۋە يولغا قويۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ قاتلام،كۆپ شەكىل، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

29. يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كېنىشكە تارقىتىش سىياسىتى

يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكە تارقىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يېڭى ۋەزىيەتتە يېزىلارنىڭ ئاساسلىق ئىگىدارچىلىق تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئۇللۇق خىزمەت. 2016 - يىلى مەركەز يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىگىدارچىلىقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكە تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، خېبېي، خېيلۇڭجياڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق 10 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نى تاللاپ ئۆلكە بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلدى، ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ساغلاملاشتۇرۇپ، سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكە تارقىتىش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايون 2015 - يىلى 14 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكە تارقىتىشنى ناھىيە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى تاماملاش ئاساسىدا، قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغۇل رايونى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، جىمسار ناھىيەسى، قورغاس ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، چاغانتوقاي ناھىيەسى، شىخۇ شەھىرى، بۇرچىن ناھىيەسى، ئارىشاڭ ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى، ئۇنسۇ ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، ئاقتۇ ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، پوسكام ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسىدىن ئىبارەت 18 ناھىيە (شەھەر، رايون) نى تاللاپ 2016 - يىللىق يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكە تارقىتىشنى ناھىيە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە (شەھەر، رايون) قىلىپ، 14 مىليون مو يەرنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى بېكىتىپ، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسى تارقىتىشنى تاماملىدى.

30. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتى

يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈكلىرىنى ئېنىقلاپ، مەبلىغىنى بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، يەر قاتارلىق بايلىق خاراكتېرلىك مۈلۈكلەرگە قارىتا مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يولغا قويۇلدى؛ ئىگىدارچىلىق خاراكتېرلىك مۈلۈكلەرگە قارىتا، نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئالدىن يولغا قويۇش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىگە كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇلدى، نۇقتىلىق ھالدا مۈلۈكنى پاي ياكى مەبلەغ شەكلىدە مەزكۇر كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا بۆلۈپ بېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ پايدىنى تەقسىملەش ھوقۇقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى پاي ھەمكارلىقى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلكى»نى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە پايدىنى تەقسىملەش تۈزۈمى ساغلاملاشتۇرۇلۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش فۇنكىسىيەسى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يېزا كەسىپ ھوقۇقى ئوبوروتى سودا بازىرى قۇرۇلۇپ، يېزا كەسىپ ھوقۇقىنىڭ قانۇن بويىچە ئىختىيارىي ھالدا ئاشكارا، ئادىل، تەرتىپلىك سودا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

31. كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىدا بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش بويىچە مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتى

كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىدا بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش بويىچە مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ھۆكۈمەتنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىر ئىشىنى بىر مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق مەبلەغ غەملەپ، ئەمگەك كۈچى توپلاپ، كەنت دەرىجىلىك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشىغا مۇكاپات ياكى تولۇقلىما بېرىدىغان سىياسەت بولۇپ، مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش مەبلىغىنى ئاساسلىقى مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھەمدە شارائىتى بار شەھەر، ناھىيە مالىيەسى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. تولۇقلىما بېرىش دائىرىسى ئاساسلىقى دېھقانلار بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشىدىغان كەنت ئىچىدىكى كىچىك تىپتىكى سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى، كەنت ئىچىدىكى يول، مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرى، كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش قاتارلىق ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان، ئۈنۈمى ئەڭ تېز كۆرۈلىدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق قۇرۇلۇشى تۈرى ئالدىن ھەل قىلىنىدۇ. مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىشتە نەق پۇل مۇكاپات بېرىشكە ھەم ماددىي بۇيۇمنى تولۇقلىما قىلىشقا بولىدۇ.

32. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئارقىلىق مەدەت بېرىش سىياسىتى

نۆۋەتتە، مەركەز مالىيەسى تەمىنلىگەن يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ئورمانچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردىكى 15 خىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شال، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە كېۋەز، شېكەر ماتېرىياللىرى زىرائەتلىرى، چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار بار، ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەرنىڭ سۇغۇرتا ھەققى جۇغلانما تولۇقلىمىسى %75 تىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىنىڭ ئادەتتىكى تولۇقلىمىسى %35 تىن %50 كە يەتكەن، يەرلىك مالىيە يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۇغۇرتىسىغا بېرىدىغان سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسىغا «مەركەزنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، يەرلىكنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئالاھىدىلىككە كاپالەتلىك قىلىش»تىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ھەققى تولۇقلىمىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. 2016-يىلىنىڭ بېشىدا مالىيە مىنىستىرلىقى «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتىنى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيەلەرنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرنىڭ ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتىگە بېرىلىدىغان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ھەققى تولۇقلىمىسى نىسبىتىنىڭ %25تىن ئاشقان قىسمىغا قارىتا، مەركەز مالىيەسى ئاشقان قىسمىنىڭ %50ىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى بەلگىلىدى. سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەركەز مالىيەسى ئوتتۇرا غەربىي قىسىم، شەرقىي قىسىمغا قاراتقان تولۇقلىما نىسبىتىنى نۆۋەتتىكى %40، %35تىن تەدرىجىي ھالدا %47.5، %42.5 كە ئۆستۈردى.  

33. مالىيە ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئامانەت – قەرز كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى قوللاش سىياسىتى

2015 - يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، بانكا نازارەتچىلىكى جەمئىيىتى بىرلىشىپ «يېزا ئىگىلىك ئامانەت - قەرز كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مالىيە ئارقىلىق قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (مالىيە مىنىستىرلىقى - يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ [2015]121-نومۇرلۇق ھۆججىتى)نى تارقىتىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان يېزا ئىگىلىك ئامانەت - قەرز كېپىللىك سىستېمىسى رامكىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ساغلاملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، بولۇپمۇ مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئاشلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېڭىچە ئىگىدارچىلىق سۇبيېكتلىرىنى ئامانەت - قەرز كېپىللىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىدىكى «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش»، «مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىپ، يېڭىچە ئىگىدارچىلىق سۇبيېكتلىرىنىڭ زورىيىشىنى قوللاپ، ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركەز مالىيەسى مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئاشلىق تىجارىتى مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئامانەت - قەرز كېپىللىك سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېزا ئىگىلىك ئامانەت - قەرز كېپىللىك ئاپپاراتى مۇۋاپىق كۆلەمدىكى ئاشلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۈرلۈك يېڭىچە ئىگىدارچىلىق سۇبېيكتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرىدۇ (يېڭىچە ئىگىدارچىلىق سۇبيېكتلىرىغا قارىتىلغان يېزا ئىگىلىك ئامانەت - قەرز كېپىللىك قالدۇقى ئومۇمىي كېپىللىك كۆلىمىنىڭ %70 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك). كەسپ جەھەتتە يېڭىچە ئىگىدارچىلىق سۇبېيكتلىرىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كېتەرلىك ئامانەت - قەرزنى كېپىللىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ. بۇ، ئۇل ئەسلىھەلەر، ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ۋە ياخشىلاش، يېڭى تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش، بازار ئېچىش ۋە ماركا بەرپا قىلىش، يەرلەرنى ئۇزۇن مۇددەت ئىجارىگە ئېلىش، كۆچمە مەبلەغ قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ باشقا ساھەلىرىگە پەيدىنپەي كېڭەيتىشكە ھەمدە يېزا ئىگىلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك 2-، 3-كەسىپ زەنجىرىگە ئۇزارتىپ، يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ بېرىكمە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ.

34. يېزا ھەمكارلىقى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى

2016-يىلى دۆلەت دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە تەمىنات - سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېزا ھەمكارلىقى پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئامانەت - قەرز ھەمكارلىقىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېزا رايونلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى تۈرىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى. كوپىراتىپ ئەزاسى تۈزۈمى، يېپىق ھالەتتىكى پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتتىن ئامانەت قوبۇل قىلىپ قەرز بەرمەسلىك، مۇقىم نەپ قايتۇرۇشنى قوللىماسلىق ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا شەرت ھازىرلىغان دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا تايىنىپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مەبلەغ جەھەتتە ئۆز ئارا ياردەم بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى مۇقىم قانات يايدۇرۇپ، «ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش + ئامانەت - قەرز ھەمكارلىقى» غا قاراپ كېڭىيىشىگە يېتەكلىدى. يەرلىكنىڭ خېيىم - خەتەر تولۇقلىما فوندى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پۇل مۇئامىلە خېيىم - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى.

35. بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش تولۇقلىمىسى سىياسىتى

بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش 2008-يىلىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىۋاسىتە تەمىنلىنىدىغان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش  رايونىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2011-يىلى يولغا قويۇلۇش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىغا كېڭەيگەن، نوپۇسى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا بولغان ھەمدە بوز يەرئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا قاراشلىق رايونلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتقان بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ئائىلىسى، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ئاساسلىق يۆلەش ئوبيېكتى قىلىنغان. 2011-يىلى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىق، كومىتېت «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر» (بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خىزمىتى ئىشخانىسى [2011] 2-نومۇرلۇق ھۆججەت)نى تارقىتىپ، ئۆزگەرتىش پىرىنسىپى، ئۆلچىمى، يولغا قويۇش تەرتىپى، تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەسى قاتارلىق سىياسەت مەزمۇنلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. 2016-يىلى دۆلەت بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، 15 بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى 176 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى. مەركەزنىڭ مالىيە مەبلىغىدىن شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدىكى ھەر بىر ئائىلىگە ئايرىم - ئايرىم ھالدا 6500 يۈەندىن، 7500 يۈەندىن، 9000 يۈەندىن، پار، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يانداش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەر بىر ئائىلىگە 1200 يۈەندىن تولۇقلىما بەردى.

36. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سىياسىتى

2016-يىلى دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقى داۋاملىق زورايتىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى، يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتى بويىچە «سىناق ئېتىزى»، رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك «كۆرگەزمە تاختىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. بىرىنچى، «مۇكاپاتنى تولۇقلىمىنىڭ ئورنىغا قويۇش» سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، سېلىنمىنى بېرىكتۈرۈش سالمىقى زور، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئەمەلىي، ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ياخشى، يېتەكچى كەسىپنىڭ يۈكسىلىشى ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىغا 10 مىليون يۈەن «مۇكاپاتنى تولۇقلىمىنىڭ ئورنىغا قويۇش» مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەندى. 2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساۋەن ناھىيەسى ۋە شايار ناھىيەسى دۆلەتنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى. ئىككىنچى، مەركەزنىڭ خامچوتى ئىچىدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنىڭ قۇرغاقچىلىق  ۋە ھۆل - يېغىن بولغاندىمۇ ئوخشاشلا ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزىنى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىلىپ، ھەر بىر مو ئېتىز بەرپا قىلىشقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ 1500 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ بەلگىلەنگەن تولۇقلىمىسى 1200 يۈەن. ئۈچىنچى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇل مۇئامىلە مەدىتى ئارقىلىق قوللاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، 27 ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ پۇل مۇئامىلە مەبلىغىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا قەرز بېرىش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەندى. تۆتىنچى، مالىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش مەبلىغىنى بېرىكتۈرۈش بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك بايلىق ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئامىللارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كۆجۈملىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.