باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

تېخنىك خادىملارنىڭ ياردىمى بىلەن دېھقانلار غەمدىن خالاس بولدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-25 11:38:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى

سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىدىكى خادىملار يېڭىمەھەللە يېزىسىنىڭ قۇمئېرىق كەنتىدىكى تۇرسۇن قاسىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پارنىك ئۈستىدىكى قارلارنى تازىلىماقتا.

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇرېھىم نۇر خەۋىرى، فوتوسى: تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى ئارقىسىدا، بۇ يىل پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى. ناھىيە بويىچە 1200 دىن ئارتۇق پارنىكقا شوخلا، مۇچ قاتارلىق ھەر خىل كۆكتاتلار تېرىلغان بولۇپ، دېھقانلار تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆكتاتلارنى تۈجۈپىلەپ ئوبدان پەرۋىش قىلدى. بىراق 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ 22-كۈنى چۈشكىچە ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى 11.9 سانتىمېتىرغا يېتىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كەتتى. بۇ خىل ناچار ھاۋارايى دېھقانلارنىڭ پارنىك كۆكتاتلىرىنى پەرۋىش قىلىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.

ناھىيەلىك دېھقانچىلىق تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزى 50 نەپەردىن ئارتۇق تېخنىك خادىم ۋە 30 نەپەردىن ئارتۇق دېھقان تېخنىكنى پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان يېزا (بازار) ۋە كەنتلەرگە ئەۋەتىپ، دېھقانلارنىڭ پارنىك ئۈستىدىكى يېپىنچىلارنى ۋە پارنىك ئىچىدىكى كۆكتاتلارنى قارنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدۇردى. دېھقانلار تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارنىك ئۈستىدىكى قارلارنى تازىلاش، يوپۇق ئۈستىدىكى يوتقانلارنى ئېچىپ، پارنىك ئىچىگە يورۇقلۇق چۈشۈرۈش، پارنىك يوپۇقىنىڭ يۈزىنى سۈرتۈپ يورۇقلۇق چۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاش، كۆكتاتلاردىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ يوقىتىش قاتارلىق تېخنىكىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن، پارنىكلاردىكى مايسىلارنىڭ بىرسىمۇ ئۈششۈپ قالماي، كۆكتاتلاردىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس يارىتىلدى.