باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

ئاشپەزلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان ئوبۇلقاسىم يۈنۈس مائارىپنى قوللىدى

يوللانغان ۋاقىت:2016-11-25 12:13:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى


(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇن راخمان فوتوسى)

پوسكام ناھىيە كۈيباغ يېزا ئالىچاچباغ كەنتلىك ئوبۇلقاسىم يۈنۈس يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام نېفىت بازىرىدا ئاشپەزلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغانىدى. ئۇ، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى كۈيباغ يېزىسىنىڭ شور كەنت «قوش تىل» بالىلار باغچىسىغا 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدە 50 يۈرۈش پارتا-ئورۇندۇق ياردەم قىلىپ، مائارىپنى قوللاش خىسلىتىنى نامايان قىلدى. ئوبۇلقاسىم يۈنۈس بۇ يىل «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمى ھارپىسىدىمۇ بۇ يېزىنىڭ سايئېرىق باشلانغۇچ مەكتىپىگە 12 مىڭ يۈەن قىممىتىدە 50 يۈرۈش پارتا-ئورۇندۇق ياردەم قىلغانىدى.