باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغالدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-03-10 11:08:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ چاۋچۈن، لى جىڭتاۋ خەۋىرى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلىرى لېي فېڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ناھىيە بازىرى، يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، ئاجىزلارغا مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ بەردى.

3-ئاينىڭ 3-كۈنى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزا 27-كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، يېزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلىرى، كەنت «ئىككى كومتېت»ى رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئەزالىرى، كەنتتە تۇرۇپ مەسچىت باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان كادىرلار، كەنتتىكى كادىر، ساقچىلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان 60 تىن كۆپرەك پىدائىي بىلەن بىرلىكتە «لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ كۈچىنى نامايان قىلايلى» دېگەن پىلاكاتقا ئىمزا قويدى. پىدائىيلار ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئېتىز باشلىرىغا، ئىككى مېيىپ ۋە بىر ئىگە- چاقىسز ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى تۈزلەش، ئۆيلىرىنى تازىلاش، سۇ توشۇش، ئوتۇن يېرىش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەردى.

 مارالبېشى ناھىيەلىك بالىلار باغچىسى 70 تىن كۆپرەك ئاتا-ئانىنى بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش»نى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، باغچىنىڭ كۆكەرتىش بەلبېغى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق جايلارنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تازىلىدى. «لېي فېڭدىن ئۆگىنەيلى» دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئەمگەك قىلدى. بالىلار باغچىسىدىكى 24 نەپەر پىدائىي پىدائىيلىق بەلگىسىنى تاقاپ، بەخت يولى مەھەللىسىدىكى «بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر»، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلارنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنى تازىلاپ بېرش، ئەخلەتلىرىنى تۆكۈپ بېرىش، ياشانغانلار بىلەن مۇڭدىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئارقىلىق لېي فېڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.