باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى دېھقانلارنى كونا باغلارنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلىدى.

يوللانغان ۋاقىت:2017-03-29 11:43:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

سۈرەتتە: ئىچكىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرى ئۇيغۇر دېھقانلارغا يېڭىچە ئۇسۇلدا ئۆرۈك كۆچىتىگە كۆز قويۇش تېخنىكىسىنى ئۆگەتمەكتە. (مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن فوتوسى)

بۇلتۇردىن بۇيان، كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسى دېھقانلارنى كونا باغلارنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، 16 مىڭ مو يەرگە يېڭىدىن ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكتى. بۇ يىل  3- ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇيان، ئىچكى ئۆلكىلەردىن باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، دېھقانلارنى مېۋىلىك كۆچەتلەرنى ئۇلاش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى ھەمدە 400 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق مېۋىلىك كۆچەتنى سورتلۇق كۆزگە ئۇلىدى.