باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

پەيزاۋاتتا 194 مىڭ نەپەر كادىر، ئامما دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى

يوللانغان ۋاقىت:2017-08-30 17:06:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

يېقىندا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ 279 كەنت (مەھەللىسى)دىكى 194 مىڭ نەپەر كادىر، ئامما دۆلەت بايرىقى چىقىرىش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەمدە نەق مەيداندا 5807 نەپەر ئاممىغا «ئۈچ خىل پېشقەدەم»لەرنىڭ تۇرمۇش تولۇقلىمىسى، خەلقنى خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى تولۇقلىمىسى، كېۋەز تولۇقلىمىسى قاتارلىق خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغىدىن 16 مىليون 294 مىڭ يۈەن تارقىتىپ بېرىلدى. دۈشەنبە كۈنىدىكى  دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات، خەلقكە نەپ يەتكۈزۈش مەبلىغى تارقىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش» پائالىيىتى ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، ئىتتىپاقلىق ئېڭى ۋە مىننەتدارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر مىللەت كادىرلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىدىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىگە ئايلاندى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاڭ دۇڭمېي فوتوسى)