باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاممىغا كۆمۈر تارقىتىپ بېرىپ ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلدى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-24 11:02:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ جۈن، تاڭ شەن خەۋىرى، فوتوسى: ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، قاغىلىق ناھىيە بارىن يېزىسىنىڭ ئاياغ تاغارچىئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، تۆۋەنگە چۈشۈش، ئەل قەلبىنى ئىللىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم قولىنى سۇندى.

10-ئاينىڭ 24-كۈنى خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلار بىلەن بىرلىكتە قىيىنچىلىقى بار بەش ئائىلىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ئۇلارغا بىر توننىدىن كۆمۈر تارقىتىپ بەردى.

كەنت ئاھالىسى تۇخان قاۋۇل كۆمۈرنى ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە قىلغان خالىس ياردىمى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت، مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمنى جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، بالىلىرىمغا ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، جاپاغا چىداپ پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بىلىم ئارقىلىق ۋەتەنگە، يۇرت-ماكانىغا جاۋاب قايتۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.