باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

«گۈزەل ھويلا-ئاران» بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگىلىك ئائىلىلەر مۇكاپاتلاندى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-28 16:41:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت

يېقىندا، پەيزاۋات ناھىيە يېڭىمەھەللە يېزىسىنىڭ لايلىق كەنتى «گۈزەل ھويلا-ئاران» بەرپا قىلىش بويىچە باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى رەھبەرلىك كوللېكتىپى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى باھالىغۇچى بولۇپ، «گۈزەل ھويلا-ئاران» بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگىلىك ئائىلىلەرنى باھالاپ چىقتى ھەمدە مۇكاپاتلىدى. پائالىيەت ئارقىلىق كەنت قىياپىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «گۈزەل يېزا-قىشلاق» بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئاكتىپچانلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، يېزا-كەنتلەردە مەدەنىيلىك كەيپىياتى بەرپا قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سۈرەتتە: ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى «گۈزەل ھويلا-ئاران» بەرپا قىلىش بويىچە ئۈلگىلىك ئائىلىلەرنى تەقدىرلىمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پاڭ دۇڭمېي فوتوسى)