باش بەت>ناھىيە-شەھەرئەھۋالى

پەيزاۋات ناھىيەسى مەدەنىيەت جەھەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى جانلاندۇردى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-30 13:23:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:قەيسەر داۋۇت


ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى جيادۇڭ خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا پەيزاۋات ناھىيەسى 1 مىليون 50 مىڭ يۈەنلىك شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارغا ئاممىۋى سىپىرلىق مەدەنىيەت مۇلازىمەت تۈرى ئۈسكۈنىسىنى ھەر قايسى يېزا(بازار)، كەنت(مەھەللە)لەرگە تارقىتىپ بېرىپ، يېزا-كەنت مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ماۋۇلار كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى كەڭ يولغا قويۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى موللاشتۇرۇش لازىم. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەسسىلەپ ئىلھاملاندۇرۇش، كەڭ ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئاممىۋى سىپىرلىق مەدەنىيەت مۇلازىمەت تۈرى ئۈسكۈنىلىرى ئاساسلىقى يېزا، كەنت(مەھەللە) مەدەنىيەت پائالىيەت سورۇنىغا تارقىتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، ئاممىۋى مەدەنىيەت بويىچە بىر گەۋدە ئۈسكۈنىسى، تاختا كومپيۇتېر، تېلېكامىرا، جۇڭگو مەدەنىيەت تورى تېلېۋىزىيەسىنى ئۆز ئارا تارقىتىش تېرمىنالى، چوڭ ئېكرانلىق تېلېۋىزور قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ تارقىتىلىشى يېزىلادىكى ئاممىۋى سىپىرلىق مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرى ئارقىدا قېلىش، بايلىق مەنبەسى كەمچىل بولۇش، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى موللاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

پەيزاۋات ناھىيە قىزىلبويى يېزىلىق پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى ئايىمنىسا ھىمىت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىز بۇ ئۈسكۈنىلەردىن جەزمەن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارغا پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمىز.